ئۇيغۇر رايونىدىكى مەكتەپلەر كېچىكىپ ئوقۇش باشلايدىغان، دەرسلەر توردا ئۆتۈلىدىغان بولغان

چولپان (The Star) تورىدا خىتاي شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 26-ئاۋغۇست تارقاتقان بىر خەۋىرى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى مەكتەپلەرنىڭ كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمى كېچىكتۈرۈلۈپ، دەرسلەر توردا ئۆتۈلىدىغان بولغان. بۇ رايوندىكى يەسلى، باشلانغۇچ مەكتەپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئوقۇش باشلايدىغان بولۇپ، دەرسلەر توردا ئۆتۈلىدىكەن.

مەكتەپلەر يەنە يەرلىك سەھىيە ئىدارىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەكتەپ ئىچىنى دېزىنفېكسىيە قىلىپ، مۇھىت ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن. رايونلۇق مائارىپ تارماقلىرى مەكتەپلەرنى توردا ئوقۇتۇش مەنبەلىرى بىلەن تەمىنلەيدىكەن، شۇنداقلا مەكتەپلەردىن توردا ئوقۇتۇش پىلانى ۋە دەرس پروگراممىسىنى تەلەپ قىلىدىكەن.