ئۇيغۇرلار دىيارىدا ھاۋا مۇداپىئەسى سىگنالى مانېۋىرى بولماقچى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-09-11
Share

خىتاي دائىرىلىرى يېقىندا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەرقايسى شەھەرلەردە 18-سېنتەبىر كۈنى سائەت چۈش سائەت 12 دە (ئۈرۈمچى ۋاقتى 10 دا) ھاۋا ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش سىگنالىغا ئىنكاس قايتۇرۇش مانېۋىرى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت 10-سېنتەبىر كۈنى بۇ ھەقتە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقاردى.

«تەڭرىتاغ» تورىنىڭ 10-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېىتىملىق مانېۋىر ئۈرۈمچى، غۇلجا، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق بارلىق چوڭ شەھەرلەردە تەڭلا ئۆتكۈزۈلىدىكەن. خەۋەردە بۇ قېتىمقى مانىۋېرنىڭ خىتايدىكى «ھاۋا مۇداپىئە قانۇنى» ۋە باشقا نىزاملارنىڭ روھىي بويىچە «دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى تەشۋىقاتىنى ئاشۇرۇش ھەمدە خەلق ئاممىسىنىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدىن ساقلىنىش چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇش» مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقى ئېيتىلىدۇ.

ھالبۇكى بىر قىسىم ئانالىزچىلار بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇشتۇمتۇت يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھەقىقىي ھۇجۇملار ئۈچۈن قىلىۋاتقان تەييارلىقىنىڭ بىر قىسمى، دەپ قارىماقتا ئىكەن. بولۇپمۇ خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا توقۇنۇشىنىڭ يېڭى بىر مەيدان ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقىنى تەكىتلىگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى قاھار بارات «خىتاي ھۆكۈمىتى ھەرقاچان ‹جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا› دېگەندەك ئىش قىلىشقا ئادەتلەنگەن. بۇ قېتىممۇ ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندىكى كۆچمەن خىتايلارغا بىر قېتىملىق خاتىرجەملىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىشنى كۆزلىمەكتە» دېدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت