خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق قىسىملىرى ھەربىي مانېۋىر قىلغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016-12-08
Share

خىتاينىڭ يەرشارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق قىسىملىرى يېقىندا 10 مىڭ كىشىلىك ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارغان. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قاراقۇرۇم تاغلىرىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 4000 مېتىر ئېگىزلىكتىكى جايدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھەربىي مانېۋىرغا ھەربىي خادىملار بىلەن بىرلىكتە تانكا قاتارلىق نۇرغۇن ھەربىي ئەسلىھەلەر قاتناشتۇرۇلغان.

خەۋەردە بۇ قېتىملىق ھەربىي مانېۋىر ئارقىلىق ھەربىيلەرنىڭ ئېگىزلىكتىكى ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ئاشۇرۇلغانلىقى بايان قىلىنغان، ئەمما ھەربىي مانېۋىرنىڭ قايسى كۈنلىرى، زادى قەيەردە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان.

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» تە ئالدىن زەربە بېرىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈشنى تەكىتلەۋاتقان بىر مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ ئۇرۇش مانېۋىرى دىققەت قوزغىدى. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېڭى سېكرېتارى چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئارمىيە، قوراللىق قىسىملار بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۇلارنىڭ چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن. بىراق، چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۇيغۇر ئېلىدا تۇرۇشلۇق قوراللىق قىسىملارنى يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى باستۇرۇشتا «ھەددىدىن زىيادە كۈچ قوللىنىش» بىلەن ئەيىبلىمەكتە.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت