خوتەن ۋىلايىتىنىڭ «ئاز سانلىق مىللەتلەر تەرەققىياتى مەبلىغى» ئۆستۈرۈلگەن

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر تەرەققىياتى ئۈچۈن بىرىنچى تۈركۈمدە 32 مىليون 900 مىڭ سوم مەبلەغ تەستىقلىغان.

گەرچە بۇ ھەر يىلى بىر قېتىم ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن خوتەن ۋىلايىتىدىكى نامراتلارنى يۆلەش خىزمەتلىرى ئۈچۈن بېرىلىپ كېلىۋاتقان بىر مەبلەغ بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ گۇمىدىكى ۋەقەدىن كېيىنكى جىددىي ۋەزىيەت ئاستىدا ئېلان قىلىنىشى دىققەت قوزغىدى.

بۇ ھەقتىكى خەۋەردە، خوتەن ۋىلايىتىگە تەستىقلانغان ئاز سانلىق مىللەتلەر تەرەققىياتى مەبلىغىنىڭ ئالدىنقى يىلغا قارىغاندا 30.86 پىرسەنت ئاشۇرۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. چەتئەللەردىكى بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر بولسا بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان «بىر قولدا يۇمشاق، بىر قولدا قاتتىق بولۇش» سىياسىتىنىڭ بىر پارچىسى، دەپ باھالىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلىدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىنمۇ رايونغا ھالقىما تەرەققىيات ئۈچۈن زور مەبلەغ سالغان. ئەمما نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۇيغۇرلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلماي تۇرۇپ سېلىنغان بۇ مەبلەغنىڭمۇ رايون خەلقىگە پايدا ئەپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.