«شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» 2010-2019-يىل باھار پەسىللىك ئوقۇتۇش مەۋسۇمى ئوقۇش باشلاش ۋاقتىنىڭ كەينىگە سۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى.
ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تور بېتىدە 27-يانۋار كۈنى تارقىتىلغان ئۇقتۇرۇشتا ئوقۇش باشلاش ۋاقتىنىڭ قايتىدىن ئۇقتۇرۇش قىلىنىدىغانلىقى، مەكتەپ باشلاش ۋاقتى ئېنىق بولمىغۇچە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە قايتىپ كەلمەسلىكى ئەسكەرتىلگەن.
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇقتۇرۇشىدا، تەتىل مەزگىلىدە يۇرتىغا قايتقان ئوقۇغۇچىلارنى بۇ مەزگىلدە ئامال بار ئادەم كۆپ يىغىلغان سورۇنلارغا بارماسلىق، ئۆيىدە ئۆگىنىش قىلىش ۋە شۇ يەرلىك دائىرىلەرنىڭ يۇقۇملۇق ۋىرۇسنى تىزگىنلەش خىزمەتلىرىگە ئاكتىپ ماسلىشىشنى تەلەپ قىلغان.
1-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى جىددىي ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، خىتاي دۆلەت ئىشلار كابىنېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئېغىر، زور تاسادىپىي ئاممىۋى سەھىيە ھادىسىسى 1-دەرىجىلىك لايىھە خىزمىتى بويىچە رايون تەۋەسىدىكى بارلىق مەكتەپ ۋە يەسلىلەرنىڭ 2020-يىللىق ئەتىيازلىق ئوقۇش باشلاش ۋاقتىنى كېچىكتۈرگەنىدى. ھازىرچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەكتەپلەردە قاچان ئوقۇش باشلايدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.