خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولۇۋاتقانلىقى، مەسچىتلەرنىڭ قوغدىلىۋاتقانلىقىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىۋاتقان بىر پەيتتە فىرانسىيە ئاگېنتلىقى 6-ئىيۇن «ئۇيغۇر دىيارىدا مەسچىتلەر غايىب بولغىنىدەك رامازانلىق تەبرىكلەرمۇ ئاڭلانمايدىغان بولدى» سەرلەۋھىلىك بىر تەپسىلىي خەۋەر ئېلان قىلىندى. خەۋەردە خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا چېقىپ تۈزلىۋەتكەن مەسچىتلەر ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ تەپسىلىي خەۋىرى «ئاسىيا بىر» (Asia One) تور بېتىنىڭ 6-ئىيۇندىكى سانىغا بېسىلغان. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرى 2017-يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىن 36 مەسچىتنىڭ چېقىپ تۈزلىۋېتىلگەنلىكىنى سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشى ئارقىلىق دەلىللەپ چىققان.
خەۋەردە فىرانسىيە ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرىنىڭ بۇ يىل ئۇيغۇر دىيارىغا ئېلىپ بارغان زىيارىتى ھەققىدىمۇ توختالغان بولۇپ، بۇ جەرياندا خوتەندىكى چېقىۋېتىلگەن بەزى مەسچىتلەرنىڭ گۈللۈككە ئۆزگەرتىلگەنلىكى، بىتوندا پىيادىلەر يولى ياسىلىپ، ئەتراپىدا دەرەخلەرنىڭ تىكىلگەنلىكى نۇقتىلىق بايان قىلىنغان.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرلىرى بۇ يىل روزا ھېيت كۈنى (خىتاي ۋاقتى بويىچە 5-ئىيۇن، چارشەنبە) قەشقەر «ھېيتگاھ جامەسى» نىڭ ئىمامى مەمەت جۈمە (ئىلگىرى بوغۇزلاپ ئۆلتۈرۈلگەن ‹ھېيتگاھ جامەسى› نىڭ ئىمامى جۈمە تاھىرنىڭ ئوغلى) نى زىيارەت قىلغان. ئۇ سۆزىدە «بۇ يەردە ئەزەلدىن مەسچىتلەر چېقىلىپ باقمىدى، ھەتتا ھۆكۈمىتىمىز قەشقەردىكى بەزى مۇھىم مەسچىتلەرنى قوغداش تىزىملىكىگە كىرگۈزدى،» دېگەن.
نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار روزا ھېيت خۇشاللىقىغا چۆمگەن بىر مەزگىلدە ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال دىنىي پائالىيەتلىرىنىڭ چەكلىمىگە ئۇچرىشى ۋە ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە مەسچىتلەرنىڭ چېقىلىشى مەسىلىسىگە قارىتا چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەندە ئوتتۇرىغا قويغان ئىسلام دىنىنى «خىتايچىلاشتۇرۇش» ئۇرۇنۇشىنىڭ روشەن بىر ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.