ئامېرىكا لايولا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ پەنلىرى پروفېسسورى راين سام 11-ئىيۇن كۈنى ئۆزىنىڭ تۋىتتېر بېتىگە خوتەن شەھىرىدە چېقىپ تۈزلىۋېتىلگەن بەزى مەسچىتلەرنىڭ چىقىلىشتىن بۇرۇنقى ۋە ھازىرقى ھالىتىنى سېلىشتۇرۇپ، بىر يازما چاپلىغان.
مەزكۇر يازمىدا راين سام خوتەندىكى مەلۇم بىر قەبرىستانلىقنىڭ سۈنئىي ھەمراھ سۈرىتىمۇ قوشۇپ قويغان. 2018-يىلى 19-ئاۋغۇست كۈنى تارتىلغان سۈرەتتە قەبرىستانلىقنىڭ دائىرىسى ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، بارلىق قەبرىلەر نورمال ھالەتتە تۇرغان. ھالبۇكى 2019-يىلى 26-فېۋرالدىكى سۈرەتتە شۇ دائىرە بىر قاقاس تۈزلەڭلىككە ئايلىنىپ قالغان.
ئۇ يازمىسىدا يەنە خوتەن شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۆتكەن مەزگىلدە ئېلان قىلغان «خوتەن شەھەر سۇلتانىم مازارلىقىنى يۆتكەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نىمۇ تىلغا ئالغان بولۇپ، ئۇ بۇنىڭغا باھا يېزىپ، «ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىۋاتقان بەزى ھۆكۈمەتلەرگە نىسبەتەن بۇ خىلدىكى مازارلىقنى يۆتكەش قىلمىشى ‹جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش› ۋە ‹گۈزەللەشتۈرۈش› تىن ئىبارەتتۇر،» دېگەن.
29-ئاپرېل ئامېرىكادىكى «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تارىخىي يادىكارلىق سۈپىتىدىكى قۇرۇلۇشلارنى كەڭ كۆلەمدە چېقىپ ۋەيران قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر خەۋەر ئېلان قىلغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ ۋەزىيەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي يادىكارلىقلىرى ۋە دىنىي مەدەنىيىتىنى تۈپ يىلتىزدىن قومۇرۇش ئۇرۇنۇشىنىڭ روشەن ئىپادىسى ئىكەن.