خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم كۆل ۋە دەريالاردا بېلىق تۇتۇشنى چەكلىگەن
2018.04.02
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم كۆل ۋە پۈتۈن دەريالاردا بېلىق تۇتۇشنى چەكلىگەن. خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتى-شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېلىق تۇتۇش چەكلىمىسى 1-ئاپرېل باشلانغان بولۇپ، 31-ئىيۇلغىچە داۋاملىشىدىكەن.
خەۋەردە، بېلىق تۇتۇش چەكلىمىسىنىڭ ئۇلۇنگۈر كۆلى، باغراش كۆلىگە ئوخشاش تەبىئىي كۆل ۋە دەريا- ئېقىنلىرىدا يولغا قويۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. لېكىن بۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا بېلىق تۇتۇشنى تۇنجى قېتىم چەكلىشى ئەمەس. دائىرىلەر بېلىق تۇتۇش چەكلىمىسىنى تۇنجى قېتىم 2017-يىلى يولغا قويغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يېقىنقى 20-30 يىللىق تەرەققىيات پىلانى مەزكۇر رايوندا تېخىمۇ كۆپ شەھەرلەرنىڭ قۇرۇلۇپ، نوپۇسنىڭ سۈنئىي يوسۇندا شىددەتلىك كۆپىيىشىنى، سۇ مەنبەلىرىنىڭ تېز قۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ئۇنىڭ تەرەققىيات پىلانى ئۇيغۇر مۇھىت قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ئىزچىل تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە خىتاي كۆچمەن ئاھالىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ بوز يەر ئېچىشقا، كان ئېچىشقا رىغبەتلەندۈرۈشى، سۇ مەنبەلىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىشى ئوتلاقلارنىڭ بۇزۇلۇپ، تۇپراقنىڭ شورلىشىشى، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ۋەيران بولۇشى، مۇز قاتلاملىرىنىڭ ئېرىپ، دەريا سۇلىرىنىڭ تارتىلىپ كېتىشى، قۇرغاقچىلىق ۋە كەلكۈن ئاپەتلىرىنىڭ كۆپىيىشىنى پەيدا قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى 2-3 يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سۇ ۋە مۇھىت قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشنى كۈچەيتىپ، تارىم دەرياسى سۈيىنى، توغراقلىقلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتەك بەزى قۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان. لېكىن مۇھىت قوغدىغۇچىلىرى، بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ خىتاي نوپۇسنى سۇ بىلەن تەمىنلەشكە قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدى. لېكىن شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، دائىرىلەر بېلىق تۇتۇش چەكلىمىسىنىڭ مۇھىتنى قوغداش، بېلىق مەنبەسىنى ئاسراشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.