23-مارت كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەكتەپلەردە بىردەك ئوقۇش باشلاندى

ۋۇخەندە پارتلىغان كورونا ۋىرۇسى سەۋەبلىك تاقالغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ ۋە كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرىدە 23-مارتتىن باشلاپ بىردەك ئوقۇش ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.

دائىرىلەر بۇنىڭ ئالدىدا رايوندىكى ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلىرىنىڭ بىر قىسىم سىنىپلىرىنىڭ ئوقۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ئىدى.

كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يېتىپ كېلىشى بىلەن يەرلىك دائىرىلەر دەرھال ئۇچۇرنى قامال قىلىپ، قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ئالغان. تالاغا چىقىشىنى چەكلەپ، كىشىلەرنى ئۆيلىرىگە بەند قىلغان. ئىدارە-جەمئىيەت ۋە مەكتەپلەر بىردەك تاقالغان. بۇنىڭ بىلەن بەزى جايلاردا ئاچارچىلىق يۈز بەرگەنلىكى، ۋىرۇسنىڭ لاگېرلارغا تارقىلىش خەۋپى كۈچەيگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ رايوندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى تەلەپ قىلىنغان ئىدى.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 23-مارت كۈنى رايوندىكى 5004 باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا ۋە كەسپىي تېخنىكا مەكتىپىنىڭ 4 مىليون 360 مىڭ 790 نەپەر ئوقۇغۇچىسى مەكتەپلىرىگە قايتقان. خەۋەردە مائارىپ تارماقلىرىنىڭ مەكتەپلەردە يېپىق باشقۇرۇلۇشنى قاتتىق يولغا قويۇش، مۇناسىۋەتسىز كىشىلەرنىڭ مەكتەپ رايونىغا كىرىشىنى چەكلەش، كىشىلەرنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئېلىشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەرلىك دائىرىلەر رايوندا ئومۇميۈزلۈك ئوقۇش باشلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە 3-دەرىجىلىك جىددىي ھالەتنى بىر دەرىجە تۆۋەنلىتىپ، 4-دەرىجىگە چۈشۈرگەن.