د ئۇ ق: خىتاينىڭ پاسپورت يىغىش ھەرىكىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز
2016.10.21
د ئۇ ق جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا باشلىغان پاسپورت يىغىۋېلىش ھەرىكىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنى قاتتىق تەنقىدلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا قەيت قىلىشىچە، پاسپورت يىغىۋېلىش ھەرىكىتى قارىماققا بارلىق ئاھالىلەرگە قارىتىلغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى بۇرۇن ئېنىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ساياھەت ئەركىنلىكىگە چەكلىمە قويغان.
يېقىندا ماناس، قۇمۇل، ئۈرۈمچىنىڭ مىدۇڭ رايونى، شىخەنزە قاتارلىق ناھىيە، شەھەرلەر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاھالىلەردىن پاسپورتىنى ئالاقىدار ئورۇنلارغا تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭدىن سىرت پاسپورتنىڭ خوتەن، قەشقەر، غۇلجا قاتارلىق ۋىلايەت، شەھەرلەردىمۇ يىغىۋېلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەر تارقالغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2015-يىلى ئۇيغۇرلارغا پاسپورت چەكلىمىسىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، بەزى رايونلاردا خەلقنى پاسپورت ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرغان. بۇ خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
ئەمدى ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن پاسپورتلارنى تۇيۇقسىز يىغىۋېلىش نىيىتىگە كەلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. دائىرىلەر ھازىرغا قەدەر بۇنىڭغا ھېچقانداق قايىل قىلارلىق چۈشەنچە بەرمىگەن.
د ئۇ ق باياناتىدا يەنە «پاسپورتنى مۇسادىرە قىلىش ۋە قاتتىق باشقۇرۇش، يېقىنقى يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندا تېخىمۇ جىددىي مەسىلىگە ئايلاندى» دېگەن.