ئۇيغۇر ئېلىدىكى پاسپورت يىغىۋېلىش ئۇقتۇرۇشى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىمۇ خەۋەر قىلىنماقتا
2016.11.24
يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدا چىقىرىلغان پاسپورت يىغىۋېلىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىمۇ خەۋەر قىلىنماقتا.
بۈگۈن فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقايسى ساقچى ئىدارىلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلغان پاسپورت يىغىش ئۇقتۇرۇشى خىتايدىكى بىر قىسىم مۇنازىرە تور بەتلىرىدە ئىنكاس قوزغىغان.
تورداشلار بۇنىڭغا تۆۋەندىكىدەك ئىنكاسلارنى يازغان: «مەن پاسپورتنى ھەر قېتىم بايرامدا چەتكە چىققىنىمدا ئۇلارنىڭ يوليورۇقىنى ئېلىپ، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ نىشانى بولۇش ئۈچۈن پۇل ۋە ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئالمىغان. ئەگەر پۇقرالار ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاساسىي ھوقۇقلىرىنىمۇ قوللىنالمىسا، بىز قانداق ياشايمىز؟»
يەنە بىر ئىنكاستا «شىنجاڭ ھازىر بارغانسېرى غەلىتە بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. زامان ئالدىغا ماڭغانسېرى شىنجاڭدا كەينىگە كېتىپ بارىدۇ» دېيىلگەن.
ب ب س خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقتى گېزىتى پەيشەنبە كۈنى «شىنجاڭلىقلار ھەممىسى پاسپورتلىرىنى ساقچىخانىلارغا تەكشۈرۈش ۋە باشقۇرۇش ئۈچۈن تاپشۇرۇپ بېرىشى كېرەك، پاسپورتى لازىم بولغاندا ساقچىخانىغا ئىلتىماس سۇنسا بولىدۇ» دەپ بىر خەۋەر تارقاتقان. ئۇلار يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر رەھبەرنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ تۇرۇپ، پاسپورت يىغىۋېلىشنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىملىقنى قوغداش ۋە تېررورلۇققا زەربە بېرىش ئۈچۈنلۈكىنى بىلدۈرگەن. بىراق، بۇ ئۇقتۇرۇش كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدا بۇنداق پاسپورت يىغىۋېلىش ھەرىكەتلىرى ئىلگىرىمۇ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىدىن نارازى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن بىر قىسىم نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتى بىر قىسىم تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىغا چاتسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن مۇستەقىل تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇنىڭغا قېتىلمايدىغانلىقىنى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قوللۇق سىياسەتلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن بۇ خىل تەشكىلاتلارنىڭ كۈچىنى كۆپتۈرۈۋېتىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.