ئىلى ئوبلاستلىق پارتكوم غۇلجىدىكى قامالدا پۇقرالارنىڭ ئاچلىقتىن ئ‍ۆلگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.09.09

يېقىنقى 40 كۈندىن بۇيان غۇلجىدا يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇسى يۇقۇمىغا قارشى قامال يۈرگۈزۈپ، پۇقرالارنىڭ ئاچارچىلىقتا قېلىشى، ئ‍ۆلۈشى ۋە روھىي بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن ئەيىبلىنىپ كەلگەن ئىلى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت 9-سېنتەبىر ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ غۇلجىدا يولغا قويغان كارانتىن تەدبىرلىنى ئاقلىغان. شۇنداقلا كارانتىن جەريانىدا كىشىلەرنىڭ ئاچلىقتىن ئ‍ۆلگەنلىكىنى رەت قىلىپ، بۇنىڭ ساختا ئۇچۇر ئىكەنلىكى، بۇ ئۇچۇرنى تارقاتقۇچىنىڭ قاتتىق جازالىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

ئاخبارات يىغىنىدا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى، ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى يېرشات تۇرسۇنباي، كارانتىن تەدبىرلىرىنى ئاقلاش بىلەن بىرگە، غۇلجا پۇقرالىرىنىڭ خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدىكى كارانتىن تەدبىرلىرىگە، ئاچارچىلىق ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ قوپال ھەم كەمسىتىش خاراكتېرلىك مۇئامىلىسىگە بولغان شىكايەتلىرىگە جاۋاب بەرگەن.

بۇ قېتىمقى ئاخبارات يىغىنى خىتاي ھۆكۈمىتى غۇلجىدا يېڭى تىپلىق تاجسىمان ۋىرۇسى يۇقۇمىنى باھانە قىلىپ، ئومۇمىيۈزلۈك قامال يۈرگۈزگەنگە 40 كۈن بولغان، رايوندىن كېلىۋاتقان ئۇچۇرلار چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلاردا خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئىلگىرىلەپ باستۇرۇشتا يۇقۇمنى باھانە قىلىپ قوللىنىۋاتامدۇ، دېگەن ئەندىشە قوزغاپ، ئامېرىكا، تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە كارانتىنغا قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بەرگەن بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن.

ئاخبارات يىغىنىدا يېرشات تۇرسۇنباي «خىتاي گېزىتى» مۇخبىرىنىڭ غۇلجىدا بىر ياشانغان كىشىنىڭ ئ‍اچلىقتىن ئ‍ۆلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ راست-يالغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، بۇ خەۋەرنىڭ «ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى، يامان غەرەزلىك كىشىلەر توقۇپ چىقارغان يالغانچىلىق» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە ئالاقىدار تارماقلار ۋەقەنى «قاتتىق بىر تەرەپ قىلماقتا» ئىكەن. ئۇ پۇقرالارنىڭ ئاچارچىلىقتىن ئۆلگەنلىكىنى ئىنكار قىلغان بولسىمۇ، بىراق رادىيومىز غۇلجىدا قامال يولغا قويۇلغاندىن بۇيان 14 ئادەمنىڭ ئاچلىق ۋە دورىسى يېتىشمەسلىكتىن ئ‍ۆلگەنلىكى، ئ‍ۆلگەنلەردىن 3 كىشىنىڭ كىملىكىنى دەلىللىگەنىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.