ئۈرۈمچى شەھىرى «تۆۋەن خەۋپلىك رايونلار» دىكى پۇقرالارنىڭ «يۇقىرى خەۋپلىك رايونلار» غا ئۆتۈشىنى چەكلىگەن
2022.12.02
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر ئۈرۈمچى 24-نويابىر ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان قاتتىق نارازىلىق ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن، يۇقۇم قامىلىنى قەدەم-باسقۇچلىق بوشىتىدىغانلىقىنى، پۇقرالارنىڭ سىرتقا چىقىشى ۋە سودا-سېتىق قىلىشىغا يول قويۇدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەمما دائىرىلەر يەنىلا يۇقۇم ئەھۋالى «تۆۋەن خەۋپلىك رايونلار» دىكى پۇقرالارنىڭ «يۇقىرى خەۋپلىك رايونلار» غا ئۆتۈشىنى چەكلىگەن.
24-نويابىر ئۈرۈمچىنىڭ چوڭ بازار يېنىدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇرۇشلۇق بىنادا يۈز بەرگەن پاجىئەلىك ئوت ئاپىتىدە، نۇرغۇن كىشى خىتاينىڭ كوۋىد-19 سىياسىتى سەۋەبلىك قۇلۇپلاپ قويۇلغان بىنادىن چىقالماي ھاياتىدىن ئايرىلغان.
بۇ پاجىئە خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىش، خىتاينىڭ كوۋىد-19 سىياسىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىك نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت 2-دېكابىر كۈنى ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، شۇ كۈندىن باشلاپ «تۆۋەن خەۋپلىك رايونلار» دىكى پۇقرالارنىڭ رايون ئاتلاپ ھەرىكەت قىلىشىغا بولىدىغانلىقى، بىراق «يۇقىرى خەۋپلىك رايونلار» غا ئۆتۈشىگە بولمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
دائىرىلەرنىڭ ئاخبارات يىغىنىدا ئېيتىشىچە، يېڭى يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بايقالمىغانغا 5 كۈن توشمىغان «يۇقىرى خەۋپلىك رايونلار» دا، پۇقرالارنىڭ «ئۆيىدىن سىرتقا چىقىش» نى چەكلەش سىياسىتى داۋاملىق قاتتىق ئىجرا قىلىنىدىكەن.
لېكىن دائىرىلەر «ئۆيدىن سىرتقا چىقىشنى چەكلەش» تە بۇرۇنقىدەك ئائىلەرنىڭ ياكى بىنانىڭ ئىشىكىگە قۇلۇپ سېلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغان ياكى داۋاملاشتۇرمايدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچنىمە دېمىگەن. دائىرىلەر ئۈرۈمچى 24-نويابىر ئوت ئاپىتىدىكى جاۋابكارلىقنى پاجىئەدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ «ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئىقتىدارى» نىڭ ئاجىزلىقىغا ئارتىپ، دۇنيانى زىل-زىلىغا سالغان بۇ پاجىئەدىكى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالمىغان ئىدى.