خىتاي دائىرىلىرى 4-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچى چوڭ بازىرىنى تەنتەنىلىك مۇراسىم بىلەن قايتا ئاچقان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.12.05

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايولۇق دائىرىلەر 4-دېكابىر تەنتەنىلىك پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ، دۆڭكۆۋرۈكتىكى ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازىرىنى قايتا ئاچقان. دائىرىلەرنىڭ مەزكۇر بازارنى 24-نويابىر شۇ رايوندىكى «جىشياڭيەن» (بەخت-سائادەت گۈللىكى) ئائىلىلىكلەر قوراسىدىكى بىر بىناغا ئوت كېتىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ۋە بۇ پاجىئەخىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىق، شۇنداقلا شى جىنپىڭنىڭ COVID-19 سىياسىتىگە قارشى كەڭ كۆلەملىق نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىر ۋاقىتتا داغدۇغىلىق مۇراسىم بىلەن قايتا ئېچىشى، دىققەت قوزغىدى.

ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان خەلقئارالىق نارازىلىق ھازىرمۇ داۋاملىىۋاتقان بولۇپ، ئۈرۈمچى خەلئارا چوڭ بازىرى داغدۇغىلىق ئېچىلغان پەيتنىڭ ئۆزىدە ئۇيغۇر، تىبەت، خوڭكوڭلۇقلار ۋە خىتايلاردىن 300 كىشى نيۇ-يورك شەھەر مەركىزىدىكى ۋاشىنگتون مەيدانىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارغا تەزىيە بىلدۈرگەن. ئوت ئاپىتىدە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ بىر-بىرلەپ ئىسمىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا سۈكۈتتە تۇرغان نامايىشچىلەر يەنە ئۇيغۇرلارغا، خوڭكوڭلىقلارغا، تىبەتلەرگە ئەركىنلىك تەلەپ قىلغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رايوندىكى 100 نەچچە كۈندىن بېرى داۋام قىلىپ كەلگەن قامال، شۇنداقلا ئوت ئاپىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان كەڭ كۆلەملىك نارازىلىقتىن كېيىن، ئۈرۈمچى خەلقئاراچوڭ بازارنى قايتا ئېچىشتا تەنتەنىلىك مۇراسىم ئۆتكۈزۈشىنىڭ سەۋەبى مەلۇم ئەمەس. «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ ئۇچۇرىدا ئېيتىلىشىچە، ئۈرۈمچى خەلقئارا چوڭ بازار 4-دېكابىر ساليوتلار بىلەن تەنتەنىلىك ئېچىلغان بولسىمۇ، لېكىن پۈتۈن بىر بازاردا پەقەت 30 دەك دۇكان سودا قىلغان.

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا يەنە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، نۆۋەتتە ئۈرۈمچى شەھىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى نورمال يولغا قويۇشنىڭ شەرت-شارائىتىنى تەييارلغانلىقى، خىزمەت، ئىشلەپچىقىرىش، سودا ۋە بازارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش سالمىقى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.