ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى قوراللىق ھەرىكەتلىرى خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017.02.15

ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بىر قىسمى دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇر قوراللىقلار گۇرۇھىنىڭ پائالىيەتلىرى يېقىندىن بۇيان غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە پات-پات تىلغا ئېلىنىۋاتقان قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالماقتا.

شىۋېتسارىيەنىڭ سيۇرىخ شەھىرىدىكى «بىخەتەرلىك تەتقىقات مەركىزى» نىڭ 15-فېۋرالدىكى ئايلىق دوكلاتىدا نادىربەك سالىيېف ئىمزاسىدا ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇر قوراللىقلىرىنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ۋە ئۇنىڭ نېرىسىدا باش كۆتۈرۈشى» ماۋزۇلۇق ماقالە ئەنە شۇ خىلدىكى بايانلارنىڭ بىرىدۇر.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە ھازىر ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى سان ۋە كۆلەم جەھەتتە ئېشىپ مېڭىۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ بىر تۈرلۈك ئىپادىسى ئۇيغۇر قوراللىقلار گۇرۇھىنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادا پەيدا بولۇشى، شۇنداقلا بۇ جايدىن يۆتكەلگەن يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر سۈرىيەدىكى قوراللىق توقۇنۇشقا چېتىلىپ قېلىشى ھېسابلىنىدىكەن.

«رەقەملىك ژۇرنال» نىڭ 13-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا چېگرالىرىدىن ئۆتۈشى ھەمدە ئوتتۇرا شەرقتىكى جەڭ مەيدانلىرىدا پەيدا بولۇشى ھەققىدە سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ «نەچچە مىڭ ئۇيغۇر خىتاينىڭ زۇلۇمدىن قېچىپ شەرقىي جەنۇبى ئاسىياغا، ئۇ جايدىن تۈركىيەگە بارغان. ئەنە شۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن بىر تۈركۈم ئالدانغان ئۇيغۇرلار سۈرىيەدە رۇسىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ بومبىسىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى» دېگەن.

نادىربەك سالىيېف بۇ ھەقتە توختىلىپ «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر قوراللىقلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى چېگرا ئاتلىغان پائالىيەتلىرىنى تۈگەتمەكچى بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىنى ئۇتۇشى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنى رادىكاللىققا مەجبۇرلاشنى توختىتىشى لازىم» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.