خىتاينىڭ ئۆكتەبىردىكى «ئىككى بايرىمى» مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارى 15 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020.10.09

خىتاينىڭ 1-ئۆكتەبىردىن 8-ئۆكتەبىرگىچە داۋاملاشقان «دۆلەت بايرىمى» ۋە «ئايتوقاچ بايرىمى» مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارى 15 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتىنىڭ خىتاي تاراتقۇلىرىغا بىلدۈرۈشىچە، بۇنىڭ 1 مىليون 428 مىڭى ئىچكىرىدىن كەلگەن خىتاي ساياھەتچىلەر ئىكەن. مەدەنىيەت نازارىتى «تەڭرىتاغ» تورىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، ئۇيغۇر دىيارى بۇ يىل «ئىككى بايرام» مەزگىلىدە كۈتۈۋالغان ساياھەتچىنىڭ ئۆتكەن يىلقىدىن 10. 78 پىرسەنت ئارتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

لېكىن كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى دەپسەندە قىلىش سەۋەبلىك ئامېرىكانىڭ ئىمبارگوسىغا ئۇچراپ، ئىقتىسادى كاساتلىشىۋاتقان ئۇيغۇر دىيارىغا قارىتا «سىياسىي مەقسەتلىك ساياھەت» نى يولغا قويماقتا ئىكەن. ۋەزىيەتتىن خەۋەردار زاتلار، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى ئىدارە-جەمئىيەتلەرنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىنى بايرام ۋە تەتىل مەزگىللىرىدە تەشكىللىك ۋە پىلانلىق ساياھەتكە ئۇيۇشتۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ مەقسىتى بۇ ئارقىلىق كاساتلىشىۋاتقان ئىقتىسادقا يار-يۆلەك بولۇپ، دۇنياغا ۋە خىتاي جەمئىيىتىگە «شىنجاڭ تىنچ-ئامان جاي» دېگەن سىگنال بېرىش، رايوندىكى خىتاي كارخانىلىرى ۋە پۇقرالىرىنى خاتىرجەم قىلىش ئىكەن. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بېرى ئارقا-ئارقىدىن قانۇن-بەلگىلىمە چىقىرىپ، رايوندىكى بىر قىسىم خىتاي دۆلەت ئاپپاراتلىرىغا، شەخس ۋە شىركەتلەرگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈشى رايوندىكى خىتاي كارخانىلىرى ۋە پۇقرالىرىدا قاتتىق ئەندىشە قوزغىغان. «تەڭرىتاغ» نىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىشىچە، «ئىككى بايرام» مەزگىلىدە ساياھەت نۇقتىلىق شىمالدىكى ساياھەت ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.