ئۇيغۇر ئېلىدە ئېچىلىۋاتقان ئىككى قۇرۇلتايدا «مۇقىملىق ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك» تەدبىرلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش تەكىتلەنگەن

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نۆۋەتتە «ئاپتونوم رايونلۇق 13-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنى» ۋە «سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 3-يىغىنى 2-ئومۇمىي يىغىنى» دىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىي يىغىن ئېچىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىغىنلاردا بىردەك «ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى داۋاملىق ئىزچىللاشتۇرۇش» تەكىتلەنگەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ «ئىككى يىغىن» ھەققىدە 8-يانۋار كۈنى تارقاتقان خەۋەرلىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىككى يىغىندا سۆز قىلغان پارتكوم سېكرىتارى چېن چۈەنگو ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى شۆھرەت زاكىر، سىياسىي كېڭەش رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن قاتارلىقلار بىردەك رايوننىڭ نۆۋەتتىكى «مۇقىم ۋە تىنچ» ۋەزىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەكىتلەپ، نۆۋەتتە ئىجرا قىلىنىۋاتقان مۇقىملىق سىياسەتلىرىنىڭ قەتئىي داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دىققەت قوزغايدىغىنى، يىغىنغا ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ۋەكىللەر گۇرۇپپا يىغىنلىرىدا بىردەك ئامېرىكانىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھەسىنى ئەيىبلەشكە سېلىنغان بولۇپ، تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئىككى يىغىن ھەققىدىكى خەۋەر سەھىپىلىرى ھەر ساھە، ھەر جايلاردىن كەلگەن خەلق ۋەكىللىرىنىڭ ئامېرىكاغا قاراتقان تەنقىدلىرى بىلەن توشۇپ كەتكەن.

ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، «ۋەكىللەر ئامېرىكانىڭ ‹شىنجاڭنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىنى› بەس-بەستە تەنقىد قىلغان ۋە شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىنىڭ تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە ياخشىلىقى، خەلقنىڭ بەخت تۇيغۇسىنىڭ يۈكسەك پەللىگە چىققانلىقى، رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ھازىرقى كۈنلىرىنىڭ‹ھەسەلدىنمۇ تاتلىق› ئىكەنلىكىنى» بىلدۈرۈشكەن.

چەتئەللەردىكى مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى پاكىتلار ئارقىلىق رايوندا ھازىر ئىككى مىليون ئەتراپىدا ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا زۇلۇم كۆرۈۋاتقانلىقىنى، لاگېر سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئورۋېلچە ساقچى دۆلىتى سىستېمىسى ئاستىدا قامال قىلىنىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ تىلى، دىنى، پەن-مائارىپ ئىشلىرىنىڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق ۋە سىستېمىلىق ھالدا «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» يۈرگۈزۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.