ئاقسۇ ۋىلايىتىدە 13 مىڭ خىزمەتچى نوپۇسنىڭ تېگى-تەكتىنى ئېنىقلاشقا قاتناشماقتىكەن

خىتاي ھۆكۈمىتى ئاقسۇ ۋىلايىتىدە 13 مىڭ خىزمەتچىسىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ھەر قايسى يېزا-بازار ۋە ئاھالىلار ئولتۇراق رايونلىرىدا نوپۇسنىڭ تېگى تەكتىنى ئېنىقلىماقتىكەن. بۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر رايوندا باشلىغان 7- قېتىملىق نوپۇسنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، يەرلىك خەۋەرلەردە ئىمارەت خەرىتىسى، جەدۋەل، ئۆي ئىگىلىرىنىڭ تىزىملىكىنى كۆتۈرۈۋالغان تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ، نوپۇسنىڭ تېگى-تەكتىنى ئېنىقلاۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىمقى نوپۇس تەكشۈرۈشى مىليونلىغان ئۇيغۇر لاگېرلارغا قامىلىپ، يۈزمىڭلىغان ئەمگەك كۈچى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى-سىرتىدىكى خىتاي كارخانىلىرىدا ئەمگەككە سېلىنىۋاتقان، ئۇيغۇر ئايالىرى تۇغماس قىلىنىپ، يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ زور دەرىجىدە ئازىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، خىتاينىڭ ھەرىكىتى خەلقئارادا «ئىرقىي ئىرغىنچىلىق»دەپ ئەيىبلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغان. «ئاقسۇ گېزىتى»نىڭ خەۋەرىدە تەكىتلىنىشىچە، نۆۋەتتە تەكشۈرگۇچىلەر ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ، ئاھالىلارنىڭ نوپۇس ئەھۋالىنى ئىگىللىمەكتىكەن.

خەۋەردە ، تەكشۈرگۈچىلەنىڭ ئەھۋالنى تەپسىلى سوراپ، «بىرمۇ ئائىلە، بىرمۇ ئادەمنىڭ چۈشۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلغانلىقى»،11-ئۆكتەبىر كۈنى باشلانغان تېگى تەكتىنى تەكشۈرۈشنىڭ 31-ئۆكتەبىرگىچە داۋاملىشىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ تەكشۈرۈشنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇر لاگېر، تۈرمىلەرگە سولانغان، ئىز-دېرەكسىز يوقالغان ياكى كارخانىلارغا يۆتكىلىپ، نۇرغۇن يېزا-كەنتلەر قۇرۇغدۇنۇپ قالغان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلىشى دىققەت قوزغايدىكەن.