ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش» ھەركىتى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەن

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-11-16
Share

خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا «قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش مەركىزىي رەھبەرلىك ئىشخانىسى» نىڭ 31-نۆۋەتلىك مۇپەتتىش گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر دىيارىغا مۇپەتتىشلىك قىلىش ئ‍ۈچۈن ئەۋەتىلگەن ھەمدە رايون تەۋەسىدە «قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش» خىزمىتىنىڭ ئىجرا بولۇشىنى تەكشۈرگەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر مۇپەتتىش گۇرۇپپىسى ئۇيغۇر دىيارىدا نۇقتىلىق زەربە بېرىلگەن «قارا كۈچلەر» نىڭ ھەمدە ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنىڭ بىر ياقلىق قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن. شۇنىڭدەك ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇرى سوت مەھكىمىسى بىلەن بىرلىكتە «قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش» نى دائىملاشتۇرۇش، بۇ خىل زەربە بېرىشنى ھەمدە ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى ئۈنۈملۈك بىر ياقلىق قىلىشنى بۇندىن كېيىن تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش تەكلىپىنى بەرگەن. ئاخىرىدا قاتناش-تىرانسىپورت نازارىتى، تەبىئىي بايلىق نازارىتى، ئولتۇراق ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى، جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە بۇ ساھەلەرنىڭ «قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش» خىزمىتىدىكى نەتىجىلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە سانجى ۋە خوتەن ۋىلايەتلىرىنىڭ بۇ ساھەدىكى خىزمەتلىرىنى تەكشۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ خىل «قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش» ھەمدە ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى بىر ياقلىق قىلىش خىزمىتى بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە داۋام قىلىدىكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «قارا كۈچلەرگە زەربە بېرىش» نامىدا ھەرقايسى جايلاردىكى نامدار ۋە تەسىرچان ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى، شۇنىڭدەك ئۇيغۇر بايلىرىنى كۆزدىن يوقاتقانلىقى ھەققىدە ئۆتكەن يىللاردىن بۇيان كۆپلىگەن مەلۇماتلار ئوتتۇرىغا چىققان ئىدى. يېقىندا بولسا لاگېرلارغا قامالغان بىر قىسىم ئۇيغۇر بايلىرىنىڭ مال-مۈلكى خىتاي تور بەتلىرىدە كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلغانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت