خىتاي دائىرلىرى ئۈرۈمچىدە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسى قاتلام مەسئۇللىرىغا تەربىيەلەش كۇرسى ئاچقان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-12-07
Share

خىتاي دائىرلىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېقىندىن بېرى ئاساسى قاتلام ھۆكۈمەت خادىملىرىغا ۋە خەلق قۇرۇلتىيى مەسئۇللىرىغا ئارقا-ئارقىدىن تەربىيەلەش كۇرسلىرىنى ئېچىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى ئاساسى قاتلام خىزمىتىنى قانداق ئىشلەش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارماقتا. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى 6‏-نويابىر كۈنى ئۈرۈمچىدە يېزا، بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى مەسئۇللىرىنى ۋە يەرلىك ئىش باشقارمىلىرىدىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىرىنى تەربىيەلەش كۇرسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نۆۋەتتىكى يېڭى ۋەزىيەتتە بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ «شىنجاڭنى باشقۇرۇش باش نىشانى»، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قانداق ئىجرا قىلىش توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەن.

بۇنىڭ ئالدىدا دائىرىلەر ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئالتاي، چۆچەك بۆرتالا، سانجى قاتارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست ۋە شەھەرنىڭ كەنت، ئىجتىمائىي رايونلىرىدىكى ئاساسى قاتلام كادىرلىرىغا غۇلجا ناھىيەسىدە تەربىيەلەش كۇرسى ئاچقان. 6‏-نويابىر ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇدىرى شاۋكەت ئىمىن سۆز قىلىپ، ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتىيى مەسئۇللىرىنىڭ «يېڭى ۋەزىيەتتىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسىنى ياخشى ئىشلەش، يېڭى دەۋردىكى يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپلەرگە يۈزلىنىشى كېرەكلىكى» نى تەكىتلىگەن. 

بۇ كۇرس خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتى ئۇيغۇر رايونىدىكى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا مەركەزلىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەت بۇ لاگېرلارنى تەكشۈرۈشنى قاتتىق تەلەپ قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېچىلغان. 

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە، شاۋكەت ئىمىن يىغىندا تىلغا ئالغان يېڭى دەۋردىكى يېڭى ۋەزىپە ۋە يېڭى تەلەپلەرنىڭ نېمە ئىكەنلىكى چۈشەندۈرۈلمىگەن. ئەمما يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ مۇخبىرىمىزغا بىلدۈرۇشىچە، نۆۋەتتە دائىرىلەر رايوندا يەرلىك ئورگانلارنى ۋە ئاساسى قاتلام خادىملىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، تەشۋىقات تاختىلىرىنى ئۆزگەرتىش ۋە پۇقرالارغا خەلقئارا تەكشۈرگۈچىلەر كېلىپ قالسا نېمە، دەپ جاۋاب بېرىش ھەققىدە «تەربىيە ئېلىپ بارماقتا» ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت