خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سوت تارماقلىرى يېقىنقى 3 يىلدا 300 مىڭ دېلونى بىر تەرەپ قىلغان
2019.04.19
خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سوت تارماقلىرى يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە 300 مىڭ دېلونى بىر تەرەپ قىلىپ، 70 مىڭ كىشىنى «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزگەن.
«جۇڭگو خەۋەرلەر» تورىنىڭ 18-ئاپرېل ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئالىي سوتنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ خەيچىن رايوندىكى ھەر قايسىي سوت تارماقلىرىنىڭ يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە 322 مىڭ 81 دېلو تاپشۇرۇۋېلىپ، 302 مىڭ 910 دېلونى بىر تەرەپ قىلغانلىقى، بۇ ئارقىلىق «خەلقنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان كۆرۈنەرلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئۇ «ئىجرا قىلىش قىيىن بولغان مەسىلىلەر ئاساسەن ھەل قىلىنىپ، بۇ باسقۇچلۇق نىشان ۋاقتىدا ئىشقا ئاشۇرۇلدى» دېگەن. لېكىن ۋاڭ خەيچىن «ئىجرا قىلىش قىيىن بولغان» بۇ مەسىلىلەرنىڭ قانداق مەسىلە ئىكەنلىكى، شۇنىڭدەك 3 يىل ئىچىدە بىر تەرەپ قىلىنغان 300 مىڭدىن ئارتۇق دېلونىڭ قايسىي مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى فېۋرالدىن باشلاپ ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن باشلاپ، 2 مىليوندەك كىشىنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىغان. لاگېردىكى بىر قىسىم تۇتقۇنلارنى كوللېكتىپ قاماق جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىپ، ئىچكىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۈرمىلەرگە يۆتكىگەن. خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى خەلقئارادا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئەيىبلەنگەن ئىدى.
«جۇڭگو خەۋەرلەر» تورى «قارا تىزىملىك» كە كىرگۈزۈلگەن 70 مىڭ كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ «مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلماي ئىشەنچىنى يوقاتقان كىشىلەر» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. «قارا تىزىملىك» تىكى 60 مىڭدەك كىشىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىدا سەپەر قىلىشى، 14 مىڭدەك كىشىنىڭ پويىزغا ئولتۇرۇشى چەكلەنگەن. ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىگە دىنىي، سىياسىي ۋە مىللىي تېندىنسىيەسى سەۋەبلىك قىزىل چېكىپ قويۇپ قويغاچقا، ئۇلارنىڭ ئايروپىلان ۋە پويىزغا ئولتۇرۇپ سەپەر قىلىشى قاتتىق كاشىلىغا ئۇچرىماقتا ئىكەن.