تەكلىماكان ھالقىسىمان تۆمۈريول تورىنىڭ بىر قىسمى بولغان چاقىلىق-مىرەن تۆمۈريولى پۈتۈپ سىناقتىن ئۆتكەن

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى تۆمۈريول ئالاقىسىنى خىتاينىڭ ئومۇمىي تۆمۈريول تورى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر ئېلىنى خىتايغا تېخىمۇ زىچ باغلاش پىلانىنىڭ بىر قىسمى بولغان چاقىلىق-مىرەن تۆمۈر يولى قۇرۇلۇشى پۈتۈپ رەسمىي سىناقتىن ئۆتكەن. ھالبۇكى، خىتاي تاراتقۇلىرى چاقىلىق-مىرەن تۆمۈر يولى قۇمۇلغا تۇتىشىدىغان چاقىلىق-لوپنۇر بازىرى تۆمۈر يولىنىڭ مۇھىم پارچىسى ئىكەنلىكى، چاقىلىق-لوپنۇر بازىرى تۆمۈريولى پۈتسە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى-قۇمۇل-خوتەن-قەشقەر-ئاقسۇ-كورلا-ئۈرۈمچى ھالقىسىمان ئايلانما تۆمۈريول تورى شەكىللىنىپ، ئۇنىڭ ئۈرۈمچى-لەنجو تۆمۈريولى ۋە كورلا-گولمۇد تۆمۈريولىغا باغلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلماقتا.

كورلا-گولمۇد تۆمۈريولى، چاقىلىق-خوتەن ۋە چاقىلىق-قۇمۇل تۆمۈريولى خىتاينىڭ 2017-يىلى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىپ، لاگېر-تۈرمىلەرگە قاماش، ئۇيغۇر ئېلىغا كەڭ كۆلەملىك نوپۇس يۆتكەپ رايوننىڭ ئېتنىك قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشنى كۈچەيتىشى بىلەن تېزلىتىلگەن ئىستراتېگىيەلىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ بىرىدۇر.

مەلۇم بولۇشىچە، 60 كىلومېتىر كېلىدىغان چاقىلىق-مىرەن تۆمۈر يولى 15-نويابىر كۈنى رەسمىي سىناقتىن ئۆتۈپ، قاتناش باشلاشنىڭ بارلىق شەرتلىرىنى ھازىرلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا چاقىلىق-قۇمۇل ئارىسىدىكى لوپنۇر بازىرىدا زور كۆلەملىك يېشىل ئېنېرگىيە ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇپ، بۇ بازىنى شەرقتە قۇمۇل، جەنۇبتا چاقىلىققا تۆمۈريول ئارقىلىق باغلاشقا كىرىشكەن. ئەگەر بۇ تۆمۈريول قۇرۇلۇشى پۈتسە، قۇمۇلدىن چاقىلىق، چاقىلىقتىن خوتەنگە يېڭى بىر تۆمۈريول لىنىيەسى ئېچىلىدىكەن.

نۆۋەتتە، چاقىلىقتىن چەرچەن، نىيە، كىرىيە ئارقىلىق خوتەنگە بارىدىغان 825 كىلومېتىرلىق تۆمۈريول قۇلۇرۇشى داۋام قىلماقتا. گولمۇد-چاقىلىق تۆمۈريولىنىڭ بىر پارچىسى بولغان چاقىلىق-خوتەن تۆمۈريولى پۈتسە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار نوپۇسى مۇتلەق كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان خوتەنگە تېخىمۇ كۆپ خىتاي نوپۇسىنىڭ ئېقىپ كىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا ئاتالمىش «جوڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى» بەرپا قىلىش نامىدىكى خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ تېزلىتىشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا.