ئاقسۇدا ئىككى كىشى «ئاشقۇنلۇق» ۋە «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.03.23

ئاقسۇدا ئىككى كىشى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا «ئاشقۇنلۇق» قا ئائىت يازما ۋە رەسىملەرنى تارقىتىش، «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان. شۇنىڭدەك يەنە 43 ئۇندىدار توپى «نامۇۋاپىق ئۇچۇرلار» نى تارقاتقانلىقى ئۈچۈن تاقىۋېتىلگەن.

«تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۇتقۇنلارنىڭ بىرى ئۆتكەن يىلى 18-نويابىردا، يەنە بىرى بۇ يىل 31-يانۋاردا تۇتقۇن قىلىنغان ئىكەن. بۇ تۇتقۇنلار ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تور-ئۇچۇر باشقۇرۇش ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلار 23-مارت ئېلان قىلغان «قانۇن-تۈزۈمگە خىلاپ تىپىك 12 دېلو» ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىدا تىلغا ئېلىنغان.

ئۇنىڭدا تۇتقۇنلارنىڭ تولۇق ئىسمى، مىللىتى، كونكىرېت ئەھۋالى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، بىراق خەۋەردىن بۇ ئىككەيلەننىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىش مۇمكىن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئاقسۇلۇق تۇتقۇنلاردىن بىرى ئىجدىمائىي تاراتقۇلاردا «دىنىي ئاشقۇنلۇق ئىدىيەسى» تەرغىپ قىلىنغان يازما ۋە رەسىملەرنى تارقاتقانلىقى، يەنە بىرى «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىدىغان»، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» غا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئاۋازلىق ئۇچۇرلارنى تارقاتقانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان.

خەۋەردە تۇتقۇنلاردىن «ئاشقۇنلۇق» قا ئائىت ئۇچۇر تارقاتقان شەخسنىڭ «جىنايى ئىشلار بويىچە» قولغا ئېلىنغانلىقى، «مىللىي ئۆچمەنلىككە قۇرتارقۇلۇق قىلغان» بىرەيلەننىڭ «مەمۇرىي جەھەتتىن تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى» تەكىتلەنگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تاقىۋېتىلگەن 43 ئۈندىدار توپى تۈرلۈك يازما، رەسىم ۋە سىن كۆرۈنۈشلىرى ئارقىلىق كۆپ قېتىم «نامۇۋاپىق ئۇچۇرلار» نى تارقىتىپ، «يامان تەسىر» پەيدا قىلغانلىقى ئۈچۈن تاقىۋېتىلگەن ئىكەن. خەۋەردە بۇ 43 ئۈندىدار توپىنىڭ «رۇئاي سالۇن»، «كۈلقىز338»، «يۇمۇرچى0908» قاتارلىق توپلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. ئەمما خەۋەردە بۇ توپلارنى قۇرغۇچىلارنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.