ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىخۇ شەھىرىدە 3 نەپەر كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارى بايقالغان

خىتاي سەھىيە تارماقلىرى ئ‍ۇيغۇر ئېلىدە ئۆتكەن بىر ھەپتىدىن بېرى ھېچقانداق كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارى بايقالمىغانلىقىنى جاكارلاپ ئارقىدىنلا تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىخۇ شەھىرىدە ئۈچ نەپەر يۇقۇمدار بايقالغان. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىخۇ شەھىرىدە بايقالغان يۇقۇمدارلارنىڭ ھەممىسى كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇمدارلار ئىكەن. خىتاي سەھىيە تارماقلىرى خىتاينىڭ شاڭخەي، جىلىن، گۇاڭجۇ قاتارلىق جايلىرىدا يۇقۇم كەڭ كۆلەملىك ئەۋج ئېلىپ، بۇ رايونلار كارانتىنغا ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇر ئېلىدا يېقىنقى بىر ھەپتىدەك ۋاقىتتىن بېرى ھېچقانداق يۇقۇم ئەھۋالى بايقالمىغانلىقىنى جاكارلاپ كەلگەنىدى.

خىتاينىڭ «جۇڭگو خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىخۇ شەھەرلىك سەھىيە كومىتېتى 16-ئاپرېل ئاخبارات ئېلان قىلىپ، بۇنىڭدىن بىر كۈن ئاۋۋال يەنى 15-ئاپرېل كۈنى بۇ شەھەردە كېسەللىك ئالامىتى يوق 3 نەپەر يۇقۇمدار بايقالغانلىقى، يۇقۇمدارلارنىڭ ئىچكىرى ئ‍ۆلكىدىن كەلگەن ۋىرۇس يۇقۇمدارىلىرى بىلەن قويۇق ئۇچرىشىشتا بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شىخۇ شەھەرلىك سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ 3 يۇقۇمدار ۋىرۇسنى 4-ئاينىڭ باشلىرى ئىچكىرى ئ‍ۆلكىدىن يۈك ئاپتوموبىلى ھەيدەپ ئۇيغۇر ئىلىغا كەلگەن ئىككى خىتاي شوپۇردىن يۇقتۇرۇۋالغانىكەن.

خەۋەردە، بۇ ئىككى شوپۇرنىڭ دىئاگنوز قويۇلغان يۇقۇمدارلار ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ 6- ۋە 10-ئاپرېل كۈنلىرى شىخۇ شەھىرىدە توختاپ، يۇقىرىقى كىشىلەر بىلەن يېقىن ئۇچرىشىشتا بولغانلىقى تەكىتلەنگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، يۇقىرىقى 3 يۇقۇمدار ئىككى ماي پونكىتىدا ئىشلەيدىغان ئەر-ئايال ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى شى جىنپىڭنىڭ «نۆل كورونا ۋىرۇسى» ئىستراتېگىيەسىگە ئاساسەن ۋىرۇس بايقالغان رايونلارغا قارىتا قاتتىق كونتروللۇقنى يولغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ تارقىلىشىنى چەكلەشكە تىرىشقاندەك قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ بۇ سىياسىتى ئىنسانلارنىڭ ئاچ قېلىشى، پسىخولوگىيەسىنىڭ بۇزۇلۇشى، تىرىكچىلىك يولىنىڭ تاقىلىشىدەك تراگېدىيەلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، قاتتىق نارازىلىققا ئۇچرىغان.