ئۇيغۇر دىيارىدا كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمدارلىرى ھەر كۈنى ئىككى خانىلىق سان بىلەن كۆپەيمەكتە. دائىرىلەر يۇقۇمدارلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۈرۈمچىدە بايقىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ غۇلجا قاتارلىق جايلاردا ئالغان قاتتىق كارانتىن تەدبىرلىرى كۆزەتكۈچىلەردە ھۆكۈمەت بۇ جايلاردىكى يۇقۇمنى يوشۇرۇۋاتامدۇ قانداق، دېگەن گۇماننى قوزغاپ كەلدى. خىتاي سەھىيە تارماقلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 6-ئاۋغۇست كۈنى ئۇيغۇر رايونى مىقياسىدا يەنە 26 نەپەر يېڭى يۇقۇمدار بايقالغان. يېڭى بايقالغان يۇقۇمدارلارنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچى ئىكەن.
دائىرىلەر بۇنىڭ ئالدىدا، يەنى 5-ئىيۇل كۈنى رايوندا 27 نەپەر يۇقۇمدار بايقالغانلىقى، ئۇلارنىڭمۇ ھەممىسىنىڭ ئۈرۈمچىدە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە كومىتېتىنىڭ 7-ئىيۇل ئېلان قىلىشىچە، 6-ئىيۇل كۈنى رايوندا بايقالغان رەسمىي يۇقۇمدارلارنىڭ سانى 643 كە يېتىپ بارغان. شۇ كۈنى رايون مىقياسىدا بايقالغان گۇمانلىق يۇقۇمدارلار 128 نەپەر ئىكەن. نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارى خىتايدىكى ئەڭ ئېغىر يۇقۇم رايونىغا ئايلانغان.
مەلۇم بولۇشىچە، 6-ئاۋغۇست خىتاي مىقياسىدا بايقالغان ئومۇمىي يۇقۇمدارلارنىڭ 60% دىن كۆپرەكىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكىلەر تەشكىل قىلغان. خىتاي دۆلەتلىك سەھىيە كومىتېتى جۈمە كۈنى ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا، 6-ئاۋغۇست كۈنى خىتاي مىقياسىدا 37 نەپەر يۇقۇمدار بايقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە پۈتكۈل رايون مىقياسىدا 19 مىڭ 546 نەپەر كىشى تېببىي كارانتىن ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا ئىكەن.