قەشقەردىكى تاجسىمان ۋىرۇسى تېزدىن كۆپىيىشكە باشلىدى

قەشقەردە داۋام قىلىۋاتقان تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنقى كۈندە يېڭىدىن 22 كىشىگە يۇققانلىقى، بۇنىڭ بىلەن نۆۋەتتە يۇقۇمدارلارنىڭ سانى 183 كە يەتكەنلىكى نۆۋەتتىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ تېز كېڭىيىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كانىيى بولغان شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 28-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ يۇقۇمدارلارنىڭ ھەممىسى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كوناشەھەر ناھىيىسى تەۋەسىدە ئىكەن.

قەشقەردىكى يۇقۇم ئەھۋالى ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتى ھەققىدە كۆپلىگەن گۇمانلىق سوئاللار ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقاندا كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى قامال تەدبىرلىرى ئەتراپتىكى قوشنا يېزىلارغىچە ئومۇملاشقان. جۈملىدىن ۋىرۇسنىڭ باشلانغان نۇقتىسى دەپ قارىلىۋاتقان، شۇنداقلا بەزى مۇتەخەسسىسلەر مەجبۇرىي ئەمگەك داۋام قىلىۋاتقان لاگېر زاۋۇتلىرىنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قاراۋاتقان زەمىن يېزىسى 3-كەنتىدىكى توقۇمىچىلىق زاۋۇتىنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكى خىتاي ئاخباراتلىرىدىن كەڭ يەر ئالغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۈرلۈك خەۋەرلىرىدە ئۇشتۇمتۇت بايقالغان ۋىرۇس يۇقۇمى سەۋەبلىك كۈتۈلمىگەن قامال تەدبىرى ئېلىنغانلىقى، بۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى ئائىلىلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە قامىلىپ قالغانلىقى، شۇنداق بولسىمۇ 24 سائەتلىك قىزىق لىنىيە تېلېفونى ئارقىلىق بۇ كىشىلەرنى كۈندىلىك لازىمەتلىكلەر بىلەن تەمىنلەشنىڭ مۇقىم داۋام قىلىۋاتقانلىقى ئېيتىلغان. ھالبۇكى، مۇھاجىرەتتىكى كۆزەتكۈچىلەر ئىلگىرى خىتاي ئۆلكىلىرىدە ۋە يېقىندا ئۈرۈمچىدە ئىجرا قىلىنغان قامال تەدبىرلىرىنى مىسال قىلىش ئارقىلىق نۆۋەتتىكى قامال جەريانىدا شۇ جايدىكى يەرلىك ئاھالىنىڭ قانداق مۈشكۈلاتلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە پۈتكۈل خىتاي بويىچە 42 نەپەر يېڭى يۇقۇمدار بايقالغان بولۇپ، بۇنىڭ 22 نەپىرى كوناشەھەر ناھىيەسىدە ئىكەن. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىلدىكى ئەھۋالدا ھېچقاچان ھەقىقىي ساننى مەلۇم قىلمايدىغانلىقى تۈپەيلىدىن كۆپ قىسىم ئانالىزچىلار بۇ ساننىڭ ئەمەلىيەتتە بۇنىڭدىن كۆپ ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرمەكتە ئىكەن.