خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نوپۇس تىزىملاش ھەرىكىتىگە 137 مىڭ كىشى قاتناشماقتىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-11-02
Share

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 7-نۆۋەتلىك ئومۇمى خەلق نوپۇس تىزىملاش ھەرىكىتى ئۇيغۇر ئېلىدە 1-نويابىر رەسمىي باشلانغان. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك نوپۇس تىزىملاش ھەرىكىتىدە ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدىن 137 مىڭ خادىم سەپەرۋەر قىلىنغان بولۇپ، تەكشۈرگۈچىلەر 1-نويابىردىن باشلاپ ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ نوپۇس تىزىملىماقتىكەن. بۇ نۆۋەتلىك نوپۇس تىزىملاش خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر نوپۇسىنى مەقسەتلىك يوقىتىپ، «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىنىۋاتقان مەزگىلدە ئېلىپ بېرىلغان.

مۇتەخەسسىسلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مىليونلىغان ئۇيغۇرنى تۈرمە، لاگېرغا قامىغان، مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان، نۇرغۇن ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىپ، يۈز مىڭلىغان ئۇيغۇر بالىلىرىنى يېتىمخانا ياكى «ياتاقلىق مەكتەپلەر» گە مەھكۇم قىلغان. ئۇيغۇر ئاياللىرىنى مەجبۇرىي تۇغماس قىلىپ، ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 2017-يىلدىن باشلاپ زور دەرىجىدە ئازىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. «شىنجاڭ گېزىتى» تەكىتلىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك نوپۇس تىزىملاشتا ھەر ئۇسۇللار قوللىنىلماقتىكەن.

خەۋەردە، «تەكشۈرۈشنىڭ ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ تىزىملاش، توردا ئۆزلۈكىدىن تولدۇرۇش، ئېلېكترونلۇق ئەسۋاب ۋە نەق مەيداندىن بىۋاسىتە سانلىق ئۇچۇر ئامبىرىغا يوللاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئىشلىتىپ، ھەر بىر ئۇچۇرنىڭ توغرا توپلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىنىۋاتقانلىقى» ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە نوپۇس تىزىملاشقا 137 مىڭ 98 خادىم قاتناشقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 108 مىڭ 650 نەپىرى نوپۇس تەكشۈرگۈچى، 28 مىڭ 448 نەپىرى نوپۇس تەكشۈرۈش يېتەكچىسى ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت