قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى 4 يېزىنىڭ كورونا ۋىرۇسىدىكى خەۋپلىك دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلگەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2020-11-16
Share

خىتاي دائىرىلىرى 15-نويابىردىن باشلاپ قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىدا «خەۋپلىك رايون» دەپ قارالغان 4 يېزىنىڭ خەۋپلىك دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايەتلىك كوروناس ۋىرۇسى يۇقۇمىنى كونترول قىلىش قوماندانلىق شتابى 15-نويابىر سائەت نۆلدىن باشلاپ قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ لەڭگەر بازىرى، ئوپال بازىرى، تاشمىلىق يېزىسى ۋە تېرىم يېزىلىرىنى يۇقۇم خەۋپى «توۋەن رايونلار» دەپ ئېلان قىلغان.

بۇ يىل 24-ئۆكتەبىردە قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى زەمىن يېزىسىنىڭ 3-كەنتىدىكى بىر خىتاي كارخانىسىدا كورونا ۋىرۇسى تارقىلىپ، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى قامال قىلىنغان. ۋىرۇس تۇنجى بولۇپ مەزكۇر يېزىدىكى بىر خىتاي كارخانىسىدا ئىشلەيدىغان 17 ياشلىق بىر قىزدا بايقالغان. بۇ كىشىلەردە يۇقۇم مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىغا تارقالدىمۇ، دېگەن گۇمان قوزغىغان. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇچۇرنى قاتتىق كونترول قىلىپ، يۇقۇمدارلارنىڭ كونكرېت ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىپ باقمىغان.

دائىرىلەر ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ رايوندا يۇقۇمنىڭ كونترول قىلىنغانلىقى، يېڭى يۇقۇمدار بايقىلىپ باقمىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتى 16-نويابىر يېقىنقى 8 كۈندىن بېرى رايوندا ھېچقانداق يۇقۇمدار بايقىلىپ باقمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە نازارىتىنىڭ تەكىتلىشىچە، رايوندا ھازىر قېلىپ قالغان مەۋجۇت يۇقۇمدارلارنىڭ سانى 17 نەپەر، كېسەللىك ئالامىتى يوق يۇقۇمدارلارنىڭ سانى 130 نەپەر ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت