قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىىنىڭ كورونا ۋىرۇسىدىكى خەۋپلىك دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلگەن

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020-11-18
Share

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 17-نويابىر بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، قەشقەر ۋىلايەتلىك كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنى كونترول قىلىش قوماندانلىق شتابى قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىدىكى بىر قىسىم يېزا-بازارلارنىڭ خەۋپلىك دەرىجىسىنى تەڭشەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقارغان.

18-نويابىر سائەت نۆلدىن باشلاپ زەمىن يېزىسى ۋە سايباغ يېزىسىنىڭ خەۋپلىك دەرىجىسى يۇقىرى دەرىجىدىن تۆۋەن دەرىجىگە، بۇلاقسۇ يېزىسىنىڭ خەۋپلىك دەرىجىسى ئوتتۇرا دەرىجىدىن تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈلگەن.

قەشقەر ۋىلايەتلىك كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىنى كونترول قىلىش قوماندانلىق شتابى 15-نويابىر قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ لەڭگەر بازىرى، ئوپال بازىرى، تاشمىلىق يېزىسى ۋە تېرىم يېزىلىرىنى يۇقۇم خەۋپى «تۆۋەن رايونلار» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

بۇ يىل 24-ئۆكتەبىردە قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسى زەمىن يېزىسىنىڭ 3-كەنتىدىكى بىر خىتاي كارخانىسىدا ئىشلەيدىغان 17 ياشلىق قىزنىڭ كورونا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېلان قىلىنغاندىن بۇيان، خىتاي دائىرىلىرى قەشقەر ۋىلايىتىنى پۈتۈنلەي قامال قىلغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەر «يۇقۇم لاگېرلارغا قامالغان مىليونلىغان كىشىلەر ئارىسىغا، مەجبۇرىي ئەمگەك لاگېرلىرىغا تارقالغان بولۇشى مۇمكىن،» دېگەن گۇماندا بولۇشقان. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە ئۇچۇرنى قاتتىق كونترول قىلىپ، لاگېرلاردىكى تۇتقۇنلارنىڭ يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىپ باقمىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت