2020-يىل ئۇيغۇر رايونىدا قۇرۇلۇش ساھەسىدە ئىشلەيدىغان تېخنىكلار كۆپلەپ تەربىىيەلەنگەن
2021.01.29
خىتاي تاراتقۇلىرىدىن ئېلىنغان مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2020-يىل ئۇيغۇر رايونىدا قۇرۇلۇش ساھەسىدە ئىشلەيدىغان تېخنىكلار كۆپلەپ تەربىيەلەنگەن بولۇپ، قۇرۇلۇش ساھەسىنىڭ ھەر قايسى تۈرلىرىدە تەربىيەلەنگەنلەر 800 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېقىنلاشقان. يېقىنقى 3 يىل ئىچىدىلا 200 مىڭ ئادەم قۇرۇلۇش ساھەسىدە ئىشقا ئورۇنلاشقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 350 قۇرۇلۇش شىركىتى ۋە 19 تەربىيەلەش مەركىزى «جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 4 ۋىلايەت، 33 ناھىيەدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش» قا ياردەم بېرىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، كۆپلىگەن تېخنىكلارنى تەربىيەلىگەن ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.
ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنچە كۆپ قۇرۇلۇش شىركىتى ۋە تەربىيەلەش ئورنىنى ئىشلىتىپ، نۇرغۇن ئادەمنى قۇرۇلۇش ساھەسىدە تەربىيەلىشى سەۋەبسىز ئەمەس، چۈنكى تۈرمە-لاگېرلارنى، يەسلى، مەكتەپ ۋە ساناتورىيەلەرنى كۆپەيتىش ۋە كېڭەيتىپ سېلىش قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتىدۇ. ھۆكۈمەت ۋە چوڭ شىركەتلەر پۇل چىقىرىپ سېلىۋاتقان ھەر تۈرلۈك قۇرۇلۇشلارمۇ ئاز ئەمەس. بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر رايونىدىكى خەلقنىڭ پاراۋانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ قاتتىق كونترول قىلىنىشى، باستۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. چوڭلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش، ياش ئەۋلادلارنى خىتايلاشتۇرۇش ئۈچۈن سېلىنىۋاتقان مەكتەپلەرمۇ ناھايىتى كۆپ. خىتاينىڭ زۇلۇم سىياسىتى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان قۇرۇلۇش شىركەتلىرى ۋە زاۋۇت خوجايىنلىرى بۇنىڭدىن زور نەپ ئالىدۇ.