قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاي ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تەرغىب قىلىدىغان «كۇنتيەن ئىنستىتۇتى» قۇرۇلغان

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىدا مائارىپ تەربىيەسى ئېلىشىنى، مىللىي مەدەنىيىتىنى ئۆگىنىشىنى شۇنداقلا ئىسلامىي كىملىكىنى ساقلىشىنى قاتتىق چەكلەۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇرلار مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان جايلاردا خىتاي مەدەنىيىتىنى تەشۋىق قىلىدىغان ئورگانلارنى قۇرۇپ، مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

27-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ «يەرشارى ۋاقتى گېزىتى» تارقاتقان خەۋەرگە قارىغاندا، سەيشەنبە كۈنى قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا كۇڭزى ھەيكىلىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن، ئارقىدىن قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاي ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى تەرغىب قىلىدىغان «كۈنتىيەن ئىنستىتۇتى» نىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى كوڭزىنىڭ يۇرتى چۈفۇدىكى چۈفۇ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىرلىشىپ بۇ ئىنستىتۇتنى قۇرغان ئىكەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا قۇرۇلغان «كۇنتيەن ئىنستىتۇتى» قەدىمكى خىتاي ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تەتقىقاتى، خىتاي كلاسسىك شېئىرىيىتى ۋە خىتاي خەتتاتلىقى ئاساسىدا «ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭىنى ۋە خىتاي مەدەنىيىتىگە بولغان ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرۇش» نى مەقسەت قىلىدىكەن.

خەۋەردە بىر خىتاي تەتقىقاتچىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، قەشقەردىكى يەرلىك بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن چوڭ قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئەسەبىي ئىدىيەلەر بىلەن ئۇچرىشىشتىن ساقلىغىلى بولىدىغانلىقى، ئۇيغۇر بالىلارنى خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيەلەپ چىققاندا ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدە خىزمەتلىرىدە ئۇتۇق قازىنىشى ئۈچۈن پايدىلىق بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» دېگەن نامدا قىپقىزىل ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى يۈرگۈزۈپ يەرلىك خەلقلەرنى خىتايلاشتۇرۇش قەدىمىنى بارغانسېرى تېزلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.