ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن 20 مىڭ نەپەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019.02.28

خىتاي ھۆكۈمىتى 2019-يىلى ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن 20 مىڭ نەپەر خىتاينى ئوقۇتقۇچى قىلىپ يۆتكەشنى پىلانلىماقتىكەن.

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» نىڭ 26-فېۋرال كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يۇقىرىقى بۇ پىلان خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «ئون مىڭ ئوقۇتقۇچى ئارقىلىق تىبەت ۋە شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» ناملىق سىياسىتىگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىدىكەن. 

خەۋەرگە قارىغاندا، مەزكۇر پىلانغا ئاساسەن ئۆتكەن يىلى ئىچىدە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەن 7000 كىشى ئۇيغۇر ئېلىگە ئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلىنغان. دائىرىلەر بۇ يىل بۇ ساننى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، 20 مىڭ نەپەرگە يەتكۈزۈشنى پىلانلىماقتىكەن. 

خېبېي ئۆلكىسى بولسا 26-فېۋرال كۈنى 203 نەپەر يەسلى ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى مۇراسىم بىلەن ئۇيغۇر ئېلىگە ئۇزىتىپ قويغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇلار بايىنغولىن ئوبلاستى ۋە بىڭتۇەننىڭ 2-دىۋىزىيەسىگە قاراشلىق شەھەرلەردىكى مەكتەپلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. خېبېي ئۆلكىسىدىن يېقىنقى 2 يىل ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىگە ئەۋەتىلگەن ئوقۇتقۇچى سانى 860 نەپەردىن ئاشىدىكەن. 

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر يېقىندىن بۇيان تۈرلۈك سىياسەتلەر بويىچە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئادەم قوبۇل قىلىشنى يەنىمۇ تېزلەتمەكتە. تېخى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا غۇلجا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ناھىيە تەۋەسىدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن 600 نەپەر خىتاي تىلى ئوقۇتقۇچىسى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقارغان ئىدى. ئوخشاش مەزگىلدە يەنە چەرچەن ناھىيىسىمۇ خىتاي مىقياسى بويىچە جەمئىي 86 نەپەر ئوقۇتقۇچى ۋە 200 نەپەر مەمۇرىي خادىم قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغان ئىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ، لاگېرلارغا قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئورنىنى تولدۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.