خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدا كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتىنى كۆزىتىدىغان كامېرالارنى سىناق قىلماقتىكەن

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا كىشىلەرنىڭ ھېسسىياتىنى كۆزىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىنى مۆلچەرلەيدىغان كامېرالارنى سىناق قىلىشنى باشلىغان.

«تېخنىكا خەەرلىرى» تور گېزىتىنىڭ 5-نويابىر كۈنى تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ كامېرالار كىشىلەرنىڭ چىرايىنى سىكانېرلاش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ چىراي ئىپادىلىرىنى «ئوقۇيدىكەن» ۋە ئۇلارنىڭ روھىي كەيپىياتىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق جىنايەت گۇماندارلىرىنى بەلگىلەپ چىقىدىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى دائىرىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك لى شياۋيۈ ئىسىملىك بىر تەتقىقاتچى بۇ گېزىتكە قىلغان سۆزىدە «ئۆزلىرىنىڭ بۇ تېخنىكا ئارقىلىق تېرورلۇق ۋە ئەتكەسچىلىك قاتارلىق قانۇنسىز قىلمىشلارنىڭ ئالدىنى ئالىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستىمىلىرىنى سىناق قىلىدىغان بازىسىغا ئايلاندۇرۇلماقتا.

ئامېرىكادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۇيغۇر ئېلىدا قوللىنىلىۋاتقان يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت سىستېمىسى ھەققىدە ئېلان قىلغان بىر پارچە دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى «چوڭ ئۇچۇر ئامبىرى» سىستېمىسىنىڭ ئەمەلىيەتتە «كاشىلا پەيدا قىلىش ئېھتىماللىقى بولغانلار» غا زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئۇلار دائىرىلەرنىڭ ھازىر ئۇيغۇر ئېلىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، «كاشىلا پەيدا قىلغانلار» نى جازالاشتىن ھالقىپ «كاشىلا پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بار» لارنىمۇ جازالاش دەۋرىگە ئۆتكەنلىكىنى، جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا ساداقىتىدىن گۇمان قىلغان ھەر قانداق كىشىنى «قايتا تەربىيە لاگېرلىرى» غا ئەۋەتىشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.