خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇرۇشلۇق رايونلاردا 4G تېز سۈرئەتلىك تور ئېقىمىنى تاقىغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-02-10
Share

ئۇيغۇر رايونىدىكى خىتاي تېلېفون مۇلازىمەت شىركەتلىرى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇرۇشلۇق ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى قول تېلېفون ئابۇنتلىرىغا ئۇچۇر يوللاپ، 4G تېز سۈرئەتلىك تور ئېقىمىنىڭ تاقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دائىرىلەر ئابونتلارغا ئەۋەتكەن ئۇچۇرىدا، 4G سىناق مۇلازىمەت باسقۇچىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى، مەزكۇر سىستېما تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلگەندىن كېيىن قايتا ئېچىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئەمما قاچان ئېچىلىدىغانلىقىنى ئېيتمىغان.

9‏-فېۋرال «ليەنتوڭ» شىركىتىنىڭ رادىيومىزغا دەلىللىشىچە، نۆۋەتتە 4G مۇلازىمىتى ئۇيغۇر رايونىنىڭ «ئاقسۇ، خوتەن، قەشقەر، قىزىلسۇ، كورلا قاتارلىق 3 ۋىلايەت، 2 ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، تۇرپان، غۇلجا قاتارلىق جايلاردا تاقالغان.» ئەمما 4G قارىماي، شىخەنزە، كۇيتۇڭ قاتارلىق خىتاي كۆچمەنلەر نوپۇسى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغان بۇ شەھەر، رايونلاردا مۇلازىمەتتىن توختىمىغان.

رايوندىكى بەزى خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، 4G تېز سۈرئەتلىك ئىنتېرنېت ئېقىمىنىڭ يۇقىرىقى رايونلاردا تاقىلىشى، بۇ رايونلاردىكى مۇقىملىق ۋەزىيىتىگە ئالاقىدار ئىكەن. بەزى خەۋەرلەردە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ 14‏-فېۋرالدىن بۇرۇن 4G مۇلازىمىتىنى ئومۇميۈزلۈك تاقاشنى تەلەپ قىلغانلىقى قەيت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خەۋەر دائىرىلەر تەرىپىدىن دەلىللەنمىدى.

ئۇيغۇر رايونىدا 4G تېز سۈرئەتلىك ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى 2013‏-يىلى 12‏-ئايدا يولغا قويۇلغان. دائىرىلەر ئەينى چاغدا داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، «شىنجاڭنىڭ 4G دەۋرىگە كىرگەنلىكى»نى جاكارلىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت