بۈگۈردە 5.3 بال يەر تەۋرىدى ، بىر قىسىم پويىزلار كېچىكلتۈرۈلدى

خىتاي تاراتقۇلىرى 14-يانۋار پەيشەنبە كۈنى شۇ يەر ۋاقتى 5 تىن 18 ئۆتكەندە، بايىنغولىن ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بۈگۈر ناھىيىسىدە 5.3 بال يەر تەۋرىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

خىتاينىڭ جۇڭگو خەۋەرلەر تورى، خىتاي يەر تەۋرەش تورىنىڭ مەلۇماتىدىن نەقىل ئېلىپ بەرگەن خەۋىرىدە، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ بۈگۈر ناھىيە مەركىزىگە 47 كىلومېتىر كېلىدىغان شىمالىي تاغ رايونىدا يۈز بەرگەنلىكى، يەر تەۋرەش سەھەر مەزگىلىدە يۈز بەرگىنى ئۈچۈن بۈگۈر ناھىيىسى، كورلا شەھىرى، يەنجى ناھىيىسى قاتارلىق جايلاردا كىشىلەرنىڭ چۆچۈپ ئويغانغانلىقى، تەۋرەشنىڭ 50 كىلومېتىر دائىرىدىكى 26 نۇقتىدا قاتتىق سىلكىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكى قاتارلىقلارنى خەۋەر قىلدى.

خىتاي خەۋەرلىرىدە ، يەر تەۋرەشنىڭ قاتناشقا قۇلايسىزلىق ئېلىپ كەلگەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، كورلا پويىز لىنىيەسىدە قاتنايدىغان 9 قېتىملىق پويىزنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكى، يەر تەۋرەش ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ ئايروپىلان ئارقىلىق يەر تەۋرەش مەركىزىگە كېلىپ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى بايان قىلىندى، خىتاي خەۋەرلىرىدە بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش ئاپىتى ئېلىپ كەلگەن زىيانلار ھەققىدە توختالمىغان بولۇپ، خەۋەردە دەسلەپكى تەكشۈرۈشتە ئۆلۈش ، يارىنىش ئەھۋالى ھەققىدە ھازىرچە مەلۇمات يوقلۇقى ئەسكەرتىلگەن.