ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىكى شىكايەتلەر ئۇيغۇر رايونىدىكى يۇقۇم ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئاشكارىلىماقتا

خىتاينىڭ «تەڭرىتاغ تورى» قاتارلىق ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى 8-سېنتەبىر تارقاتقان خەۋەرگە قارىغاندا، 9-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 21:00 گىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىدا يەنە 22 نەپەر ئالامەتسىز يۇقۇمدار كۆپەيگەن. بۇلار ئۈرۈمچىدە 8 نەپەر، غۇلجا شەھىرىدە 8، كورلا شەھىرىدە 6 نەپەر ئىكەن. خەۋەردە يەنە ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئېلىدا بايقالغان ئومۇمىي ئالامەتسىز يۇقۇمدار سانى 559 نەپەر، دەپ كۆرسىتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقۇم ئەھۋالىنىڭ كونترول ئاستىغا ئېلىنغانلىقى، يۇقۇمنى تېزگىنلەش خىزمەتلىرىنىڭ تەرتىپلىك يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، بىراق خىتايدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان ھەرخىل ئەرز-شىكايەتلەر بۇنىڭ ئەكسىنى سۆزلىمەكتە. خىتاي تارارتقۇلىرىنىڭ 8-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونى، خەينەن ئۆلكىسى قاتارلىق جايلاردا يۇقۇم ۋەزىيىتى كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغان بولسىمۇ، لېكىن تىبەت قاتارلىق جايلاردىكى يۇقۇم ئەھۋالىنى تىزگىنلەش ئىشلىرى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتىكەن.

بولۇپمۇ بىر ئايغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى قاتتىق قامالدا قېلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىگە ۋاقتى-ۋاقتىدا يېمەك-ئىچمەك تەمىنلەنمىگەنلىكتىن ئۇششاق بالا-چاقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ئاچلىق ئازابى تارتىۋاتقانلىقى، ھەتتا بەزى كۈنلۈك ئىشلەپ پۇل تاپىدىغان ئائىلىلەرنىڭ ئىنتايىن قىممەت باھادا سېتىپ بېرىلىۋاتقان يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمەي ئاچ قېلىۋاتقانلىقىدەك ۋىدىيولارنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشى، كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا.

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئاھالىلەرنى يۇقۇم مەزگىلىدە «ئۆسەك سۆز تارقاتماسلىق» ھەققىدە قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشىغا قارىماي، ئاۋام ئارىسىدا كۈسايىن كۆپىيىۋاتقان داد-شىكايەتلەر نۆۋەتتە قامال ئاستىدىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرى دۇچ كېلىۋاتقان زور كۆلەملىك ئاچارچىلىقنىڭ ئىنتايىن ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتى بولسا ئۇيغۇر ئېلىدىكى چېكىدىن ئاشقان بۇ قامال ۋە ئۇيغۇرلار دۇچار قىلىنىۋاتقان بۇ سۈنئىي ئاچلىقنىڭ مەقسىتى ۋە ئاقىۋىتىدىن جىددىي ئەندىشە قىلماقتا.