ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقۇم قامالى بوشىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما يۇقۇمدارلار سانىدا ھېچقانچە ئۆزگىرىش بولمىغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.12.07
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

يېقىندا ئۈرۈمچىدىكى 100 كۈندىن ئاشقان قامال جەريانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە قاتتىق قامال تەدبىرلىرى سەۋەبىدىن ئۆيىدىن قېچىپ چىقالمىغان كىشىلەر ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە بۇ پاجىئە ئۈرۈمچى ئاھالىسىنىڭ زور نارازىلىقىغا سەۋەب بولغان ئىدى. دائىرىلەر بۇنىڭ بىلەن قامال تەدبىرلىرىنىڭ پەيدىنپەي بوشىتىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىدىن چىقىپ ئۆز رايونلىرىدا ھەرىكەت قىلىشىغا يول قويغان.

«خىتاي خەۋەرلەر تورى» ۋە «بىڭتۇەن تورى» قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقۇم ئەھۋالى ھەققىدە ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشلاردا، 6-دېكابىر كۈنى سائەت 24:00 كىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇر ئېلىدا يېڭىدىن يۇقۇملانغان ئالامەتسىز يۇقۇمدار سانىنىڭ 400 نەپەر، كېسەللىك ئالامىتى بار يۇقۇمدار سانىنىڭ 6 نەپەر ئىكىنلىكى، رايوندىكى ئومۇمىي يۇقۇمدارلار سانىنىڭ مىڭدىن ئاتۇق ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان بۇ رەقەملەرنىڭ ئۈرۈمچىدە قاتتىق قامال يۈرگۈزۈلۈپ كىشىلەر ئىشىكىنىڭ ئالدىغىمۇ چىقالمايۋاتقان مەزگىلدىكى يۇقۇم سانىدىن كۆپ پەرقلەنمەسلىكى، دىققەت قوزغىماقتا.

رادىيومىزغا سۆز قىلغان ۋىليام نى قاتارلىق تەتقىقاتچىلار، ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۇقۇم قامال تەدبىرلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىنىشى لازىملىقى، چۈنكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاساسلىق نىيىتىنىڭ ئادەملەرنى يۇقۇمدىن قوغداش ئەمەس، بەلكى قامالنى كۈچەيتىپ كونتروللۇقنى ئاسانلاشتۇرۇش بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.