ئۇيغۇر «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» رايوندىكى خىتاي دېھقانلىرىنىڭ يەرلىرىدە ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2019.03.27

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى رايوندىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يەرلىرىنى تېرىشقا يۈزلەندۈرۈۋاتقانلىقى مەلۇم. «ئاقسۇ گېزىتى» نىڭ 26‏-مارت خەۋىرىدە ئاشكارىلىشىچە، يەرلىك دائىرىلەر 22‏-مارت كۈنى شايار ناھىيىسىنىڭ قىزىل بايراق بازىرى يەكشەنبەبازار كەنتىدە ئەمگەك كۈچى يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈپ، ئەمگەك كۈچىگە ئېھتىياجلىق خىتاي تېرىلغۇ يەر ئىگىلىرىنى ئۇيغۇر «يېزا ئەمگەك كۈچلىرى» بىلەن تەمىنلىگەن. خىتاي دائىرىلىرى بۇنى ئۇيغۇر «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نىڭ پۇل تېپىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن زور پۇرسەت، دەپ كۆرسەتسىمۇ، لېكىن كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ ئۇيغۇر يېزا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي تېرىلغۇ يەر ئىگىلىرىگە بېقىندى ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، يەرمەنكىدە بەزى ئۇيغۇر دېھقانلىرى خىتاي يەر ئىگىلىرىگە ياللانغان. يەرمەنكىدە بىر خىتاي يەر ئىگىسىگە ياللانغان توختى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر دېھقان ئۆزىنىڭ پەقەت 8. 8 مولا يېرى بارلىقى، بۇ قېتىم ئايالى بىلەن بىر خىتاي يەر ئىگىسىنىڭ 300 مو يېرىنى تېرىشقا ياللانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە تەكىتلىنىشىچە، قىزىل بايراق بازىرىنىڭ بورقاي كەنتىدە 1500 مو تېرىلغۇ يېرى بار بىر خىتاي دېھقان، يەنى يەر ئىگىسى بۇ يىل 61 ئىشچىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى، بۇ يەرمەنكە ئۆزىنىڭ ئەمگەك كۈچىگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشىغا قۇلايلىق يارىتىپ بەرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. بۇ خىتاي يەر ئىگىسىنىڭ 1500 مو يەرگە قانداق ئېرىشكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. لېكىن ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى 2017‏-يىلدىن بېرى نۇرغۇن ئۇيغۇر يەر ئىگىلىرىنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قاماپ، ئۇلارنىڭ ئاچقان تېرىلغۇ يەرلىرىنى مۇسادىرە قىلغان. مۇسادىرە قىلىنغان بۇ تېرىلغۇ يەرلەرنى خىتاي كۆچمەنلىرىگە ۋە باشقىلارغا قايتىدىن بۆلۈپ بەرگەن. ئاقسۇ ۋىلايىتى يېقىندا ۋىلايەت مىقياسىدىكى 5 مىليون 700مىڭ مودەك تېرىلغۇ يەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق تەۋەلىكىنى قايتا بېكىتىپ تەقسىم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. خىتاي مەتبۇئاتلىرى 2018-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا كۆپلىگەن يەرلەرنى ئىگىلىرىدىن مۇسادىرە قىلىپ، تىزىملاپ، ئۆتكۈزۈۋالغانلىقى ۋە بۇ يەرلەرنىڭ قايتىدىن تەقسىم قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر «يېزا ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى» نى تەشكىللىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشى ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشتىكى بىر خىل مۇقىملىق تەدبىرى ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.