خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مۇقىملىقنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خىتاي ھۆكۈمەت تارماقلىرى «مۇقىملىقنى ساقلاش» نامىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدا تۈرلۈك چېكىدىن ئاشقان تەدبىرلەرنى قوللىنىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. يېقىندا خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى چاڭ ۋەنچۇەن ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى چېگرا مۇداپىئە خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ قايتقاندىن كېيىن «شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي ساقلاش لازىم» دېگەن ماۋزۇدا سۆز قىلغان. شۇنىڭدەك ئارمىيىنىڭ خەلق بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ، چېگرا رايوننى قوغدىشى ھەمدە بۇ جايدا «تۆمۈر سېپىل» بەرپا قىلىشنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 30-يانۋاردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، چاڭ ۋەنچۇەن ئۇيغۇرلار دىيارىدا چېگرا قاراۋۇلخانىلىرى، ساقچى پونكىتلىرى، تەكشۈرۈش پونكىتلىرى ۋە باشقا ئالاقىدار ئەسلىھەلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن. شۇنىڭدەك بۇ جەرياندا «مەركىزىي ھۆكۈمەت شىنجاڭدا ئۇزۇن مەزگىللىك مۇقىملىق ئورنىتىشنى خىزمەت نىشانلىرىنىڭ بىرى قىلىپ بېكىتتى» دېگەن مەزمۇندا مەلۇماتلار بەرگەن. مەزكۇر گېزىتنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، چاڭ ۋەنچۇەننىڭ زىيارىتى خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى مۇقىملىققا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى كۆرسەتسىمۇ، مەزكۇر جاينىڭ ۋەزىيىتىنىڭ يامانلاشقانلىقىنىڭ بېشارىتى ئەمەس ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىدا نۆۋەتتە تېررورلۇققا قارشى مەزمۇندىكى ئىدېئولوگىيە تەشۋىقاتى ئەۋج ئېلىۋاتقان بولۇپ، 16-يانۋاردىكى يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت بۇ يىللىق خىزمەتنىڭ داۋاملىق ھالدا ئىدېئولوگىيە ساھەسىگە مەركەزلىشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇنىڭدەك «بارلىق ساھەلەردىكى زىيانلىق ئىدېئولوگىيىلىك تەسىرنى سۈپۈرۈپ تاشلاش» ھەمدە «بارلىق ئىككى يۈزلىمىچى كادىرلارنى بايقاش» لازىملىقىنى تەكىتلىگەن.