چەرچەن ناھىيەسى يەنە خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئالاھىدە ئىمتىيازلار بىلەن ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-02-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئېلىدىكى ناھىيەلەر خىتاي ئۆلكىلىرىدىن زور تۈركۈمدە ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلماقتا.

7-فېۋرال كۈنى چەرچەن ناھىيەلىك ھۆكۈمەت ئۆز تور بېتىدە ناھىيە تەۋەسىدىكى باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە خىتاي مىقياسى بويىچە جەمئىي 86 نەپەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغان.

ئۇقتۇرۇشتا يەنە ناھىيە تەۋەسىدىكى باشقا خىزمەت ئورۇنلىرىغا 200 نەپەر خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا خىزمەتنىڭ نېمىلىكى ئېنىق تىلغا ئېلىنمىغان. ئۇقتۇرۇشتا بۇ ئورۇنغا قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ ياتاق ۋە تۇرمۇشىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بىردەك ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقى، نوپۇسىنىڭ يەرلىككە يۆتكىلىپ، بالىلىرىنىڭ 15 يىل بويىچە ھەقسىز ئوقۇتۇلىدىغانلىقى، قوبۇل قىلىنغانلارنىڭ جورىلىرىنىڭمۇ ئوقۇش تارىخىغا قاراپ تۇرۇپ مۇۋاپىق خىزمەت بىلەن تەمىنلىنىدىغانلىقىدەك ئىمتىيازلار ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

چەرچەن ناھىيەلىك دائىرىلەر بۇلتۇر 8-ئايدىلا مەملىكەت مىقياسى بويىچە 300 نەپەر ساقچى خادىمى قوبۇل قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، قوبۇل قىلىنىدىغان ساقچىلارغا ئۆي ياردەم پۇلى، قىشلىق ئىسسىنىش پۇلى ۋە قوشۇمچە مۇكاپات پۇلى قېتىلىپ، ئايدا 10 مىڭ يۈەنگە يېقىن مائاش بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقايسى ناھىيەلەرنىڭ تور بەتلىرىدە مۇشۇ خىلدىكى ئوقۇتقۇچى، ساقچى ۋە باشقا ئەدلىيە خادىملىرى قوبۇل قىلىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشلارنىڭ كۆپىيىشى دىققەت قوزغىماقتا.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ بىر جىددىي سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىدىن بولۇۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت