ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پەيزىۋات ناھىيەسىگە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ھەر يىلى 2000 خىتاي ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنماقتىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-02-26
Share

ئۇيغۇر تىلىنىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلى مائارىپ ساھەسىدە بىردەك چەكلىنىشىدىن كېيىن رايوندىكى مەكتەپلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك خىتايلاشتۇرۇلغانلىقى ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن داۋاملىق خىتاي ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىۋاتقانلىقى مەلۇم. خىتاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك خەلق-ئۇيغۇرلار مۇتلەق كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان پەيزىۋات ناھىيەسىنىڭ ئۆزىگە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ھەر يىلى 2 مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنماقتىكەن.

تەخمىنەن 400 مىڭ نوپۇسلۇق بۇ ناھىيەدە ھازىر ھېچقانداق بىر ئۇيغۇر مەكتىپى قالمىغان بولۇپ، خىتاي تىلىدا ئوقۇتۇش بىردەك ئومۇملاشقان. 2017-يىلدىن بۇرۇن پەيزىۋات مائارىپىنىڭ ئاساسى غولىنى تەشكىل قىلغان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ تەقدىرىنىڭ قانداق بولغانلىقى مەلۇم ئەمەس. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2017-يىلى باشلانغان چوڭ تۇتقۇندا ئۇيغۇر مائارىپ سېپىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىر قىسمى تۇتقۇن قىلىنىپ لاگېرلارغا قامالغان، بىر قىسمى مەجبۇرىي پېنسىيەگە چىقىرىلغان.

خىتايدا چىقىدىغان «جەنۇب» گېزىتىنىڭ يېقىندا بەرگەن بىر خەۋىرىدە، ھازىر پەيزىۋات ناھىيەسىنىڭ ئۆزىدە 465 مەكتەپ ۋە 160 مىڭ يەسلى ئوقۇغۇچىسى بار ئىكەن. بىراق بۇ يەسلى بالىلىرىنىڭ قانچىسىنىڭ ئاتا-ئانىسى تۈرمە، لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلىپ، قارانچۇقسىز قالغان يېتىم بالىلار ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. «جەنۇب» گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خىتاينىڭ گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىدىكى 13 مەكتەپ پەيزىۋات ناھىيەسىگە كەلگەن خىتاي ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەشكە نىشانلىق ياردەم بېرىشكە مەسئۇل ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت