خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى يېقىندا مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئۇيغۇر دىيارىغا 1705 نەپەر ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىش ئارقىلىق مائارىپ ئىشلىرىغا «ياردەم» قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 7-ئىيۇلدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىكى ۋە مالىيە مىنىستىرلىكى بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، 2021-يىلى «ئىقتىساسلىقلار قوشۇنى ئارقىلىق ئەمەلىي ياردەمدە بولۇش» نامىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى مائارىپ سىستېمىسىغا 1600 نەپەر، بىڭتۇەنلەرگە 100 نەپەر ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىدىكەن.
مۇھاجىرەتتىكى ئانالىزچىلار بۇنى تەنقىدلەپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنى «ئۇيغۇر تىل-يېزىقى مائارىپ سىستېمىسىدا مەنئىي قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدىكى مائارىپ سېپىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇش» دېدى. ئامېرىكادىكى مۇستەقىل ئانالىزچى ئېلشات ھەسەن بۇنى كەسكىن ئەيىبلەپ: «نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى يۈزلىگەن، مىڭلىغان مۇنەۋۋەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلار لاگېرلارغا قامالدى. ئەمدى خىتاي ھۆكۈمىتى ئاشكارا ھالدا مىڭلاپ خىتاي ئوقۇتقۇچىلارنى شەرقىي تۈركىستانغا يۆتكەپ ئۇلارنى ھەم كۆچمەن ھەم مۇستەملىكىچى ھەم ئاسمىلاتسىيە قىلىش قورالى بولۇشتەك قوش روللارنى ئويناشقا ئورۇنلاشتۇرماقتا،» دېدى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مۇشۇ خىلدىكى يۇقۇرى مائاش بىلەن ئوقۇتقۇچى بولۇش چاقىرىقلىرىغا ئاۋاز قوشۇپ ئۇيغۇر دىيارىغا بارغان كۆپلىگەن خىتاي «ئوقۇتقۇچى» لارنىڭ ئەمەلىيەتتە يالغان دىپلوم ئارقىلىق تىزىمغا ئالدۇرغانلىقى، يەنە بەزىلەرنىڭ بولسا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپتا ھارغىچە ئۇرۇپ-دۇمبالىغانلىقى ھەققىدىكى تۈرلۈك سىن كۆرۈنۈشلىرى تارقالغان ئىدى.