مايك جونسون: «ئۇيغۇرلار ئىزچىل زۇلۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ! »
2024.02.01
ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدە چاقىرىلغان 2024-يىللىق «خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئالىي كېڭىشى» نىڭ ئىككىنچى كۈنىدىكى يىغىنىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى، ئامېرىكا سىياسىي ساھەسىدىكى ئۈچىنچى نومۇرلۇق شەخس مايك جونسون (Mike Johnson) ئالاھىدە سۆز قىلغان.
ئۇ دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتىكى دەپسەندە بولۇش ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى قاتارىدا ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بېرىۋاتقان تۈرلۈك باستۇرۇش ۋە كونتروللۇق تەدبىرلىرىنى ساناپ ئۆتۈپ، نۆۋەتتىكى مەجبۇرىي ئەمگەك، مەجبۇرىي تۇغماس قىلىۋېتىش ۋە مەجبۇرىي ھامىلە چۈشۈرۈش قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىگەن.
ئۇ سۆزىدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئىجرا قىلىۋاتقان تۈرلۈك قەبىھ سىياسەتلەرگە قارىتا كۈچلۈك تەدبىر ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتكەن. شۇنداقلا ئاللىقاچان رەسمىي قانۇنغا ئايلانغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» نى تېخىمۇ كەڭ دائىرىگە تەتبىقلاش كېرەكلىكىنى، شۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر دىيارىدا ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقان قىرغىنچىلىققا چەكلىمە قويۇشنى تەكىتلىگەن.
بۇ قېتىمقى يىغىندا ئامېرىكا سىياسىي ساھەسىدىكى كۆپلىگەن يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلغان بولۇپ، دىنىي ئېتىقاد ساھەسىدىكى دەپسەندىچىلىك ھەققىدە قىلغان سۆزلىرىدە بىردەك ئۇيغۇرلارنى ئالاھىدە مىسال قىلىپ ئالغان. ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى مايىك جونسوننىڭ سۆزلىرىمۇ شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۈچۈن مۇھىم تېمىلاردىن بولۇۋاتقانلىقىدىن بېشارەت، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.