ئەرەبچە يېزىلغان «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتاب قاھىرە كىتاب يەرمەنكىسىدە ئورۇن ئالدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.02.03

مىسىر پايتەختى قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان خەلقئارالىق قاھىرە كىتاب يەرمەنكىسىدە ئەرەبچە يېزىلغان «ئۇيغۇرلار» ناملىق كىتابمۇ ئورۇن ئالغان. تۈركىيەدە تەسىس قىلىنغان ئۇيغۇرچە «ئىستىقلال» تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر كىتاب ئىراقلىق دوكتور سۇئاد ھادى تەرىپىدىن يېزىلغان، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنى ۋە ئۆتمۈشى، جۈملىدىن ئىلگىرى قۇرۇلغان «شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرى» ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن.

مەزكۇر تورنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىلمىي مەلۇمات يېتەرسىزلىكى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەرەب دۇنياسىغا تونۇلۇشىدىكى بىر بوشلۇق بولۇپ، مەزكۇر كىتابنىڭ بۇ يەرمەنكىدە ئورۇن ئېلىشى كۆرگەزمىدىن خەۋەردار ئۇيغۇرلارنى سۆيۈندۈرگەن. ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، قاھىرە يەرمەنكىسى 1969 - يىلدىن بېرى ئۆتكۈزۈلمەكتە. 27 - يانۋار كۈنى باشلانغان بۇ يەرمەنكە 10 - فېۋرال كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. ئىستىقلال تورىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يەرمەنكىگە 35 دۆلەتتىن 850 نەشرىيات ئورگىنى قاتناشقان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.