ئۆتكەن مەزگىللەردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇش ۋە لاگېرلارغا قاماش ھەرىكىتىدە بىۋاسىتە ياردەمچىلىك رولىنى ئوينىغان يۇقىرى تېخنىكىلىق كۆزىتىش كامېرالىرى ئىزچىل خەلقئارانىڭ تەنقىد ئوبيېكتى بولۇپ كەلگەن ئىدى. بۇ جەھەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنى تېخنىكىلىق ياردەم بىلەن ئەڭ زور دەرىجىدە تەمىن ئەتكەن خىتاي شىركەتلەرنىڭ بىرى Hikvision (خەيكاڭ) كامېرا شىركىتى ئىدى.
IPVM تورىدا 11-نويابىر كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىندا Hikvision كامېرا شىركىتى بىر يۈرۈش يېڭىدىن لايىھىلەنگەن كۆزىتىش كامېرالىرىنى بازارغا سالغان. بۇ كامېرانىڭ مەھسۇلات چۈشەندۈرۈشىگە ئېنىق قىلىپ «نىشان ۋە ئوبيېكتنىڭ جىنسىي ئايرىمىسى، ئىرقىي ئايرىمىسى (ئۇيغۇرمۇ ياكى خىتايمۇ) ھەمدە تېرە ئايرىمىسىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. توغرىلىق دەرىجىسى 90 پىرسەنتتىن يۇقىرى» دەپ يېزىلغان. ھالبۇكى IPVM تورى بۇ مەسىلە ھەققىدە Hikvision كامېرا شىركىتى بىلەن ئالاقىلەشكەندىن كېيىن شىركەت دەرھال مەھسۇلات چۈشەندۈرۈشىدىكى يۇقىرىقى قۇرلارنى ئۆچۈرۈۋەتكەن.
ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ تاشقى ئىشلار دىرېكتورى لايىئا گرېۋ خانىم بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «ئۇيغۇرلار زور دەرىجىدە باستۇرۇلۇۋاتقان ھازىرقىدەك پەيتتە مۇشۇنداق بىر تېخنىكىنىڭ بازارغا سېلىنىشى يېڭى بىر قاباھەتنىڭ يېتىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ» دېگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى پالاتا ئەزالىرىدىن ماركو رۇبىيو قاتارلىقلار ئىزچىل بۇ شىركەتنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى باستۇرۇشقا يانتاياق بولۇشىنى تەنقىدلەپ كەلگەن بولۇپ، بۇ شىركەتنىڭ ئىسمى يېقىندا ترامپ ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن ئىدى.