كەرىموفتىن كېيىنكى ئۆزبېكىستاننىڭ سىياسىي ئاتموسفېراسىدا تەدرىجىي ھالدا يۇمشاش كۆرۈلمەكتە

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-02-18
Share

ئۆزبېكىستاننى ئاز كەم 30 يىلغا يېقىن قاتتىق قوللۇق بىلەن باشقۇرغان دىكتاتور ئىسلام كەرىموفنىڭ ئۆلىمىدىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بۇ يېپىق ئەلدە تەدرىجىي ھالدا مەلۇم ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇۋاتقانلىقى بىلىنمەكتە.

ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا رەسمىي تەختكە چىققان شاۋكەت مىرزايېفنىڭ كەرىموف دەۋرىدە كىرىچى تارتىلغان سىياسىي ئاتموسفېرانى ئاستا-ئاستا قويۇپ بېرىشكە، ئۆلۈك ھالەتتىكى دۆلەت ئىقتىسادىنى قايتا جانلاندۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئازادلىق رادىيوسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسلام كەرىموف تەرىپىدىن 1998-يىلى قاماققا ئېلىنغان بانكىر رۇستەم ئوسمانوف 19 يىلدىن كېيىن، يەنى بۇ يىل 2-ئاينىڭ 15-كۈنى قويۇپ بېرىلگەن.

رۇستەم ئوسمانوف ئۆزبېكىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئۆز ئالدىغا شەخسىي بانكا ئاچقان كىشى بولۇپ، كېيىنچە پرېزىدېنت كەرىموف ئۇنى ئۆزىگە تەھدىت ھېسابلاپ قاماققا ئالغان ۋە قاراقالپاق ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدىكى جاسلىق تۈرمىسىگە قامىۋەتكەن.

ئازادلىق رادىيوسىنىڭ بىلدۈرىشىچە، شاۋكەت مىرزايېف كەرىموف دەۋرىدە چەتئەللەرگە كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئۆزبېك مۇھاجىرلىرلىنى ۋەتىنىگە قايتىشقا دەۋەت قىلغان. بۇنىڭ ئىپادىسى سۈپىتىدە رۇستەم ئوسمانوفقا ئوخشاش بىر قىسىم سىياسىي مەھبۇسلارنى تۈرمىدىن قويۇپ بەرگەن.

ئۆتكەن ھەپتە تېخى پرېزىدېنت شاۋكەت مىرزايېفنىڭ ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزىگە تاشكەنت شەھىرىدىن مەخسۇس جاي ئاجراتقانلىقى ۋە 9 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى ئىقتىسادىي ياردەم بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت