ئادرىيان زېنز: ۋولكېر تۈرك بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دەپسەندىچىلىكىگە خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلىشتا «مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىدى»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024.08.30

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ئىشخانىسىنىڭ 28-ئاۋغۇست كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە «چاتاق قانۇن-سىياسەتلەرنى داۋاملىق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى»، ئۇنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق نۇقتىسىدىن قايتا كۆزدىن كۆچۈرۈپ چىقىشىنى تەلەپ قىلىشى، چەت ئەل تاراتقۇلىرى، كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلىرىنىڭ داۋاملىق ئىنكاسىنى قوزغىماقتا. ئامېرىكا «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئاتاقلىق ئۇيغۇر لاگېرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مۇتەخەسسىسى، ئامېرىكا «كوممۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە فوندى» نىڭ ئالىي تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز، ب د ت نىڭ باياناتىغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈركنىڭ بېيجىڭدىن ئۇيغۇر ئىلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە خاتىمە بېرىشنى تەلەپ قىلىشتا «مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقى» نى ئېيتقان.

ئادرىيان زېنزنىڭ «ھەپتىلىك خەۋەرلەر ژۇرنىلى» غا ئېيتىشىچە، ۋولكېر تۈرك خىتاي بىلەن بولغان دىيالوگدا خىتاينى ئۇنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى ئۆزگەرتىشكە قايىل قىلىشقا مەركەزلىشىپ قالغان بولۇپ، «بۇ ئىنتايىن نامۇۋاپىق» بىر ئۇرۇنۇش بولغان. ئادرىيان زېنز مۇنداق دېگەن: «چۈنكى، بۇ يەردىكى يادرولۇق مەسىلە بېيجىڭنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ ھەرقانداق بىر مۇستەقىل ئېتنىك كىملىكنى ئومۇميۈزلۈك يوقىتىش مەقسىتىدە لايىھەلىنىشى، بۇنىڭغا بىلدۈرىدىغان ئەڭ مۇۋاپىق ئىنكاس قاتتىق تەنقىدلەش ھەم شىنجاڭنى باشقۇرۇشنى تۈپتىن ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلىشتۇر.

 دېگەندەك، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى «شىنجاڭدىكى چاتاق قانۇن-سىياسەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈش» نى تەلەپ قىلغان بىر پەيتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 10-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 12-قېتىملىق يىغىنى چاقىرىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ «جۇڭخۇا مىللىتى» ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇقىملىق ۋە «بەشنى ئېتىراپ قىلىش» نى يەنىلا ئۆزىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمىتىنىڭ ئالدىنقى ۋەزىپىلىرىدىن بىرى قىلىپ بېكىتكەنىدى. مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ ئۆتكەن قېتىملىق خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قەرەللىك كۆرۈپ يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان شىنجاڭغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق تەۋسىيەلەرنى قوبۇل قىلىشنى رەت قىلغان. ھالبۇكى، «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى لىن جيەن 28-ئاۋغۇست ب د ت نىڭ چاقىرىقىغا قايتۇرغان ئىنكاسىدا، «نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئىقتىسادى تەرەققىياتتىن بەھرىمەن بولۇپ، خەلقنىڭ خۇشال-خۇرام ياشاۋاتقانلىقى» ، شۇنداقلا ب د ت نىڭ تەرەپسىزلىكنى ساقلاپ، «دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى» ۋە «پاكىت» نى ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.