«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتى: «ۋولكىسۋاگېن خىتايدا ئۆزىنى قانداق يوقىتىپ قويدى؟»
2024.10.31
«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئۈرۈمچىدىن تارقاتقان خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتوموبىل باھالىرىدىكى رەھىمسىز رىقابەت، ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىدىكى مۆلچەرلەش قىيىن بولغان ئۆزگىرىش ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئاپتوموبىل ساھەسىدە 40 يىلدىن بېرى ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇپ كەلگەن ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ كىرىزىسقا پېتىشىغا سەۋەب بولغان.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئۆتكەن ئون نەچچە يىل مابەينىدە خىتايدا ناھايىتى زور پايدا ئالغان ۋولكىسۋاگېن شىركىتى ئەمدىلىكتە خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى بانكىلىرى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاينىڭ يەرلىك ماشىنا ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنى تولۇقلىما مەبلەغ بىلەن يۆلەپ، ئىنتايىن ئەرزان باھالىق ئاپتوموبىللارنى بازارغا سېلىشى نەتىجىسىدە خېرىدارلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا باشلىغان. ۋولكىسۋاگېن ئاپتوموبىللىرىنىڭ خىتايدىكى سېتىلىشى ئۆتكەن يىلى ئون پىرسەنتتىن ئارتۇق تۆۋەنلىگەن بولۇپ، بۇ پۈتكۈل شىركەتنىڭ پايدىسىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن.
يەنە بىر مەسىلە شۇكى، ۋولكىسۋاگېن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز شىركەتلىرىنى تولۇقلىما بىلەن تەمىنلەش ئارقىلىق ئادىل رىقابەتكە خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈشىگە ماسلاشمىغان. ۋولكىسۋاگېن شىركىتى خىتايدىن ياۋروپا بازىرىغا توكلۇق ئاپتوموبىل ئىمپورت قىلماقچى بولغاندا، دەل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىللىرىغا قويغان يۇقىرى تاموژنا بېجىغا توغرا كەلگەن. ئۇ يەنە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ماسلاشمىغانلىقتىن ئۇنىڭغا قويغان باج تېخىمۇ يۇقىرى بولغان.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ۋولكىسۋاگېننىڭ ئەڭ ئۇزۇن داۋاملاشقان مەسىلىسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولۇپ، ئۇ 2013- يىلى ئۈرۈمچىدە قۇراشتۇرۇش زاۋۇتى قۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك سىياسىتىگە شېرىك بولغان. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ۋولكىسۋاگېن شىركىتى بىر تەرەپتىن خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە دۇچ كەلسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكا ۋە بىر قىسىم ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەشتىكى تەدبىرلىرىگە پۇتلاشقان. ۋولكىسۋاگېن شىركىتى ئۆتكەن يىلى ئەتىيازدا 30 مىڭ دانە ئالىي دەرىجىلىك ئاپتوموبىلىنىڭ موتورلىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىلغانلىقتىن، ئامېرىكا بازىرىغا كىرگۈزەلمەي ئاخىرىدا زاپچاسلىرىنى ئالماشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. ۋولكىسۋاگېننىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى رەت قىلىش نىيىتىدە ئېلىپ بارغان تەپتىش ئىشىمۇ كۈچلۈك تەنقىدكە دۇچار بولغان.
«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ دېيىشىچە، ۋولكىسۋاگېن يۇقىرىقىدەك خاتا سىياسەتلىرى سەۋەبلىك نۆۋەتتە خىتايدىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىش ئىشىدا جىددىي كىرىزىسقا دۇچ كەلگەن. بۇ شىركەت ھازىر خىتايدا قاپسىلىپ قالغان بولۇپ، ئۇنىڭ خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشىمۇ ئۇنداق ئاسانغا توختىمايدىكەن.