«خىتاي ئىشلىرى بويىچە خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى» ۋولكىسۋاگېننى ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىپ كېتىشكە چاقىردى
2024.10.24
«خىتاي ئىشلىرى بويىچە خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى» گېرمانىيەنىڭ داڭلىق ئاپتوموبىل شىركىتى ۋولكىسۋاگېننى ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىپ كېتىشكە چاقىرغان.
مەزكۇر بىرلىك 19 نەپەر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئىمزاسى بىلەن ۋولكىسۋاگېن باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ رەئىسى ئولىۋېر بىلۇمغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، ۋولكىسۋاگېننىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان سىياسەتلىرىگە ئاكتىپ ماسلاشقانلىقىنى تەنقىد قىلغان.
«خىتاي ئىشلىرى بويىچە خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى» مەكتۇپىدا ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنىڭ خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىپ قۇرغان ئۈرۈمچىدىكى زاۋۇتىنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىش ئەھۋالى ھەققىدە قولغا چۈشكەن ھۆججەتنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ رايوندا يولغا قويۇلۇۋاتقان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» نى ئىلگىرى سۈرۈش نامىدا ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈلگەن ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىنى قوللىغانلىقىنى، تەمىنلەش زەنجىرىدىكى پاكىز قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق ئاممىنى قايمۇقتۇرۇپ مەجبۇرىي ئەمگەك ئامىلىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
21-ئۆكتەبىر كۈنى يېزىلغان مەكتۇپتا مۇنداق دېيىلگەن: «ۋولكىسۋاگېنغا ئوخشاش ياۋروپادىكى بىر چوڭ شىركەتنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى تەشەببۇس قىلغان بىر زاۋۇتنى داۋاملىق ئېچىشىنى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ پاكىزلىقى توغرىسىدىكى مەسئۇلىيىتىدە يالغانچىلىق قىلىشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. بىز ۋولكىسۋاگېننىڭ رايوندا ھەقىقىي كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، شىنجاڭدىن چېكىنىشكە چاقىرىمىز».
«خىتاي ئىشلىرى بويىچە خەلقئارا پارلامېنتلار بىرلەشمىسى» مەكتۇپىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈرگۈزۈۋاتقان بۇ رايوندا شىركەتلەرنىڭ ئىنسانىي ۋە ئەخلاقىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن تىجارەت قىلىشىنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكى، ئەكسىچە بۇ شىركەتلەرنىڭ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ خىتاينىڭ بۇ خەلقلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىغا شېرىك بولۇشتەك ئاقىۋەتنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
ئۇلار ئاخىرىدا يەنە، ۋولكىسۋاگېن شىركىتىنى ياۋروپانىڭ ئالاقىدار قانۇن-بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىش، خەلق ئاممىسى ۋە ھەسسىدارلىرىنى يالغان تەپتىش دوكلاتى ئارقىلىق ئالدىغانلىقىدىن كەچۈرۈم سوراشقا دەۋەت قىلغان.