خىتاي تاشقى ئىشلا رمىنىستىرى ۋاڭ يى بلىنكېندىن مۇناسىۋەتنى «نورماللاشتۇرۇش» نى تەلەپ قىلغان

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونى بلىنكېن 31-ئۆكتەبىر تېلېفوندا سۆزلەشكەن. بۇ، ئىككى تەرەپنىڭ يېقىندا يېپىلغان خىتاي كومپارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىدىن بېرى تۇنجى قېتىم سۆھبەتتە بولۇشىدۇر. مەلۇم بولۇشىچە، سۆھبەتتە ۋاڭ يى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ «نورمال يولغا» قايتىشى كېرەكلىكى، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئېچىۋېتىش قاتارلىق زور ئىستراتېگىيەلىرىدە ئ‍ۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاڭ يى «نورمال يول» غا قايتىشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ۋاشىنگتوننىڭ خىتايغا قاراتقان يېڭى ئېكسپورت چەكلىمىسىنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلىپ، بۇنىڭ خىتاينىڭ «ھەقلىق مەنپەئەتلىرىگە» زىيان سالغانلىقىنى ئېيتقان.

سۆھبەتتە ئۇيغۇر، خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقى مەلۇم ئەمەس. «جەنۇبى خىتاي سەھەر پوچتىسى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تەرەپنىڭ باياناتىدا، بۇ مەسىلىلەر تىلغا ئېلىنمىغان. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى يازما باياناتىدىمۇ سۆھبەتنىڭ كونكرېت مەزمۇنى بەك تەپسىلىي بېرىلمىگەن، باياناتتا، پەقەت بلىنكېننىڭ ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ئالاقە لىنىيەسىنىڭ ئوچۇق تۇتۇلۇشى، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشقۇرۇش كېرەكلىكىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى، شۇنداقلا رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىشى دۇنيا بىخەتەرلىكى ۋە ئىقتىسادىي مۇقىملىقىغا تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بلىنكېن بىلەن ۋاڭ يىنىڭ تېلېفون سۆھبىتى كېلەر ئاي ھىندونېزىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان G20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى ھارپىسىدا ئېلىپ بېرىلغان. «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، G20 دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېن بىلەن خىتاي رەھبىرى شى جىنپىڭنىڭ ئايرىم كۆرۈشۈش مۇمكىنچىلىكى بار ئىكەن.